مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ‹‹جۇڭگونىڭ ئەرش كۆزى›› ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقىدى

    ئامانگۈل2017-10-11 11:21:17شىنجاڭ گېزىتى

     دۆلىتىمىزدە بۇ ساھەدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 10–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى 10 –ئاينىڭ 10 –كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ‹‹جۇڭگونىڭ ئەرش كۆزى›› دەپ تەرىپلەنگەن ئىچكى دىيامېتىرى 500 مېتىرلىق رادىيو تېلېسكوپ (FAST) بىر يىل جىددىي تەڭشەش ئارقىلىق، يۆنىلىشنى كۆرسىتىش، ئىز قوغلاش، نىشاننى ئىزدەش قاتارلىق كۆپ خىل كۆزىتىش ئەندىزىسىدە ئوڭۇشلۇق مەشغۇلات قىلىدىغان بولدى ھەم يېڭىدىن بىر قانچە ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقىشى ھېسابلىنىدۇ.

      بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ رەت نومۇرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 0131 – J1859 ۋە 01 –J1931 . ئالدىنقىسىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 1.83 سېكۇنت، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 16 مىڭ نۇر يىلى كېلىدۇ؛ كېيىنكىسىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 0.59 سېكۇنت، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 4100 نۇر يىلى كېلىدۇ. ئىككى ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى تېلېسكوپ FAST بۇ يىل 8–ئاينىڭ 22 –، 25 –كۈنى جەنۇبىي سامانيولدا تەكشىلىكتە تەسۋىر سىزىش ئارقىلىق بايقىغان.

     FAST قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى دى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تېلېسكوپ FASTنى تەڭشەش جەريانى پىلاندىكىدىن تېز بولدى ۋە سىستېمىلىق ئىلمىي مەشغۇلاتقا كىرىشتى. ھازىرغىچە سۈپەتلىك ئىمپۇلس يۇلتۇزى نامزاتىدىن ئوننى تەكشۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئالتىسى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىندى. FAST كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى دەل جايىدا ئۆلچەلگەن مىللىسېكۇنت ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقاپ، ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش سېپىنى تەكشۈرۈشكە ئىجادىي تۆھپە قوشىدۇ.

     رادىيولۇق ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى ئىزدەش ۋە بايقاش FAST نىڭ يادرولۇق ئىلمىي نىشانى. كائىناتتا نۇرغۇن ئىمپۇلس يۇلتۇزى بار، لېكىن بۇ يۇلتۇزلارنىڭ سىگنالى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا سۈنئىي ئېلېكتىر ماگنىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھازىرغىچە پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئۆلچەپ چىقىلدى. سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان FAST ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈسكۈنە ھېسابلىنىدۇ.

     ئىمپۇلس يۇلتۇزى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان، ئۇ دەۋرىيلىك ئىمپۇلس سىگنالى قويۇپ بەرگەچكە، ئىمپۇلس يۇلتۇزى دەپ ئاتالغان. ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى ئىنتايىن تۇراقلىق، ئۇ ئېنىق بولغان ۋاقىت سىگنالى ئارقىلىق تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرۈش، ئالەم كېمىسىگە يول باشلاش قاتارلىق زور ئىلىم – پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا كۆڭۈلدىكىدەك قورال ھېسابلىنىدۇ.

     ئاۋسترالىيە پەن ۋە سانائەت تەتقىقات يۇرتى Parkes تېلېسكوپىنىڭ ئىلمىي باشقۇرغۇچىسى جورجى خوبېس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: FAST نىڭ تەڭشىلىشى ھەمدە بارا – بارا نەتىجە ھاسىل قىلىشى خەلقئارا ئاسترونومىيە ساھەسىدە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

     FAST گۇيجۇ ئۆلكىسى پىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ داۋوداڭدىكى كارست ئويمانلىقىغا قويۇلغان، ئۇنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىش يۈزىنىڭ كۆلىمى 30 پۇتبول مەيدانىدەك كېلىدۇ، ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ سەزگۈر رادىيو تېلېسكوپى ھېسابلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.