مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىش

    ئامانگۈل2017-10-11 11:21:18شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا 50 نەچچە قېتىم بېرىپ، جەمئىي 151 كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى.

     پۇختا بېسىلغان قەدەملەر ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر – بىرىگە ئۇلىدى. بۇ قەدەملەر خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن بېسىلدى.

     ‹‹ھۆكۈمەت ئىشىنى كېچە – كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىش››

     ــ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىش، بۇ تەنتەنىلىك ۋەدە ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن ئىز

     شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغى بۈك – باراقسان يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

    ئەينى چاغدا تىكىلگەن تاغ ئەنجۈرى تازا ئاينىغانىدى، بەش يىلنىڭ ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، مۇشۇ كۆچەتنى تىكىپ، ئۈمىد ئۇرۇقى چاچقانىدى.

     ئۇ قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ، بۇ يەرگە نەچچە قېتىم كەلدى.

     بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى كېزىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىيلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ، تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئادا قىلدى.

     ‹‹بىز جەزمەن باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، خەلق بىلەن بىللە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كېچە – كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك››.

     يول ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، قەتئىي ئىرادە بولسىلا، مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ تاغ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىرادە بولسىلا، ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

     سان – ساناقسىز ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر، تەسىرلىك دەقىقىلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بەش يىلدىكى يارقىن ئىزلىرى خاتىرىلەندى.

     پەسىللەر بىر – بىرىنى قوغلىشىپ، ۋاقىت تېز ئۆتتى.

     ئىللىق باھار شامىلى كائىناتنى جانلاندۇرغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ ھۆددىگەرلىك باشلانغان جاي ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىگە كېلىپ، ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ، بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى ھەم ئەينى يىلى 18 ئائىلىلىك دېھقان بارماق باسقان قورۇغا كىرىپ، ‹‹ئىسلاھ قىلغاندىلا چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ، ئىسلاھاتنى دائىم تەكىتلەش، ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى.

     تومۇزدا ئەتراپ تونۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھىرى چاڭگاڭ بازىرى دۇڭشەن كەنتىنىڭ مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ئەخلەتنى پىرېسلاپ يۆتكەپ توشۇش پونكىتى، پاسكىنا سۇنى ئېنېرگىيەسىز بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى، شاخ – شۇمبىلارنى گازغا ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا بېرىپ، شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ‹‹يېزىلارنى دېھقانلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى.

     كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن ئىدى، ھەممە يەر مەمۇرچىلىققا تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ‹‹1 – ئاۋغۇست›› مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى خۇشال – خۇرام بىللە ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قوشۇننى بەرپا قىلغۇچىلار، دەپ تەرىپلىدى.

    قەھرىتان سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، چېگرا رايون ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىڭئەن ئايمىقى ئارشەن شەھىرىگە بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ، گېرەم، تام مەش، چاغانلىق ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كاڭدا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى؛ ئۇ ئاممىنىڭ ئىسسىنىش، قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس بېيجىڭ ‹‹جىڭچياۋ›› پار ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، قىشلىق پار بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

     ھەممە يەردە باش شۇجىنىڭ قەدەم ئىزلىرى قالدى باش شۇجى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانا، سانائەت رايونى، ئىلمىي تەتقىقات بازىلىرىغا بېرىپ، بۇ چوڭ ‹‹تەجرىبە ئېتىزى››غا ياخشى ئۇرۇق چېچىپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇپ، ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

     پامېر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ قەشقەردە باش شۇجى شى جىنپىڭ كېچە – كۈندۈز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان يولداشلارنى يوقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇرمۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى ھەم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

     بىپايان شەرقىي شىمال رايونىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ شېنياڭ كونا سانائەت بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈندىكى تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەندىكى ‹‹خەيلەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى شاللىق››قا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

     ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە باش شۇجى بېلىقچىلىق پورتى، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى رايونى، خەلقئارا پاراخوت پورتىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى ھالقىما تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.