مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ رۇسىيە–جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

    ئامانگۈل2017-10-10 11:07:43شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. رۇسىيە – جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10–ئاينىڭ 9 –كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە – جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

      شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە – جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى باشتىن – ئاخىر جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشىگە پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق». ھازىر جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى بىر- بىرىگە باغلاش، ئەلرايىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ رۇسىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.