مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

    ئامانگۈل2017-10-09 10:48:57شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئابلەھەت قېيۇم

     ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئۇلۇغۋار روھ، توغرا كەيپىيات يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئىدىيەدە، تونۇشتا، قەدەمدە، ھەرىكەتتە ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك ئىدىيەۋى تىرەك ۋە جامائەت پىكرى كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلدى.

     40 يىلغا يېقىن پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي قائىدە ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي ئورنۇم ۋە سىياسىي ئېڭىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلمايمەن. سىياسىي تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمەن، سىياسىيدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلماي، باشقىلارنىڭ پېشىگە ئېسىلماي، سىياسىي مەيدانىم ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىمنى ھەرگىز يوقاتمايمەن.

     ئىدىيەدە ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزىمەن. شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى ھەم قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بېرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، ئىناق ئۆتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە ۋە ۋەتەنگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى خىزمەت پىروگراممىمىز ۋە ھەرىكەت قىبلىنەمامىز قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىشىمىز، باشتىن – ئاخىر سىياسىيدا، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يۈكسەك تونۇشىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

     قانۇن – نىزاملارنى باشلامچىلىق بىلەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولىمەن. ھەممىمىز دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، چوقۇم قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ؛ جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز.

     ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەرگىزمۇ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلمايمەن. مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، دۆلەت، مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى ھەقىقىي چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىمەن. ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق سورۇندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن. ئىستىلىمنى توغرىلاپ، ئىنتىزامىمنى چىڭىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول ھەم مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى قەتئىي تەنقىد قىلىمەن.

     پېنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، داۋاملىق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىمەن. ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي، دادىل كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى پاكىز قېزىپ، تەلتۆكۈس زەربە بېرىپ، ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.