مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    بايرىقىم روشەن ھالدا پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىمەن

    ئامانگۈل2017-10-09 10:49:00شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى قېيۇم مەمتىمىن

     مەن خوتەندە تۇغۇلغان، 1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇلىمىز، ياتاق پۇلىمىزنى دۆلەت ئۈستىگە ئالاتتى، ھەر ئايدا يەنە تاماق ياردەم پۇلى بېرەتتى. مەن شۇ ۋاقىتتىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۇنداق ياخشى ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تېخنىكىسى ساقچىسى بولدۇم، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پاش قىلىش خىزمىتىنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ، قەلبىم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بولغان ئۆچمەنلىك، نەپرەتكە تولدى، چىن يۈرىكىمدىن: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى جەزمەن ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بۇرۇنقىدەك ئىناق، مۇقىم بولغان خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.

     يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما تۈرلۈك ئۇسۇل ئارقىلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. مېنىڭچە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى پەقەت تىلىمىزدىلا ئىپادىلەپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دىلىمىزدا، ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلىشىمىز؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز؛ ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقتەك ئىرادە بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى چىڭ، ھەققىي، ياخشى تۇتۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

     پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە شۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىمەنكى: مېنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىم كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىم پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بىرىنچى نىشانىم ھەر مىللەت خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش؛ خىزمەتتە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىمەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىمەن؛ باش نىشاننى قەتئىي ھالدا بارلىق خىزمىتىمنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى، ئىناق – مۇقىم ۋە تىنچ – ئىتتىپاق بولغان ۋەزىيەت ئارقىلىق خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆلچەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، چىن قەلبىمدىن ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرىمەن.

     مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە مۇنداق ئىلھام بېرىمەن: بىر قولۇمدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولۇمدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنى چىڭىتىمەن، ئىنتىزام ئىجراسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش – نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تەلتۆكۈس تازىلايمەن. ‹‹مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزىتىپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلىم بىلەن باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن؛ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىردەك ئىنتىزام ۋە قائىدە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە مۇنداق ئىلھام بېرىمەن: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، چوقۇم قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قىسمەن ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئالداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاممىنىڭ زامانغا لايىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مەيدانىمنى بىلدۈرۈپ، پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى سۆزلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى، ئادەتلەنگەن ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پاش قىلىپ، پوزىتسىيەم قەتئىي ھالدا باشلامچىلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىمەن.

     ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئورتاق مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوقۇم تولۇق، ئۈزۈل – كېسىل غەلىبە قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.