مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

    ئامانگۈل2017-10-09 10:49:01شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 8–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر››(خەنزۇچە نۇسخىسى) ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىدىن باشلاپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش–سەھىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىدا، خەلقنى ئاساس قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان ۋە ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشتا، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

     ‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› ناملىق كىتاب خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز؛ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك؛ مائارىپ تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك؛ تېخىمۇ ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك؛ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداپ، تىرىشىپ تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دېگەن توققۇز بۆلەككە بۆلۈنگەن. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن 326 بۆلەك بايان يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012–يىلى 11–ئاينىڭ 15–كۈنىدىن 2017–يىلى 9–ئاينىڭ 19–كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، كۆرسەتمىسى، تەستىقى، تەبرىكنامىسى قاتارلىق 140 پارچە مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىيالدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.