مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كۇچانىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى

    مەۋلۇدە2017-10-08 12:48:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     7-ئۆكتەبىر، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۇچادا ساياھەت قىلماقتا.

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ جانلىنىپ، كۇچا ناھىيەسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېز كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن ناھىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى مۇقىم ۋە تېز ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىنى كۈتۈۋالدى .

      كۇچا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ ناھىيە بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 842 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋالغان بولۇپ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.6 ئاشقان، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمى 648 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئاشقان؛ ساياھەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 358 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ۋىلايەت چۈشۈرگەن ۋەزىپە %119 ئورۇنلانغان ، بۇ ناھىيەدىكى ساياھەتچىلىك بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغانلار 10 مىڭ ئادەمگە يەتكەن .

     7-ئۆكتەبىر، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۇچادا ساياھەت قىلماقتا.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.