مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    «شەرق شامىلى» شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى

    مەۋلۇدە2017-10-08 12:24:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    «شەرق شامىلى» شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا يۈك ئاپتوموبىلىنى قۇراشتۇرماقتا. (خەن لياڭ فوتوسى)

      «شەرق شامىلى» شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غا جايلاشقان، بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە 1030 ئاپتوموبىل سېتىپ، 2016-يىللىق ئومۇمىي سېتىش مىقدارىدىن ئاشۇردى.

      ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) كۆپ يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم ئۈرۈمچى، ھەتتا ئاپتونوم رايون بويىچە جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى باشلامچىغا، شىنجاڭدىكى ئىلغار ياسىمىچىلىق مەركىزىگە ئايلانغان، ھازىرغىچە 40 چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى، 13 پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت، «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» ئىچىدىكى 20 كارخانا ۋە «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» ئىچىدىكى 39 كارخانىنىڭ مەبلەغ تۈرىگە ئىگە بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.