مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ساداقىتىنى بىلدۈرۈش

    مەۋلۇدە2017-10-08 10:25:42شىنجاڭ گېزىتى

     -ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھۈسەنجان روزى توغرىسىدا

     رېن چۈنخۇا

        ج خ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدا ئۇ دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھايات–ماماتلىق قانلىق سىناقلار ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداپ، ساداقەتمەنلىكى بىلەن تەسىرلىك سەھىپىلەرنى ياراتتى.

        ئۇ بولسىمۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھۈسەنجان روزى.

        ‹‹مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلغان ج خ خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلدىم، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇن جىنايىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەن ئىككىلەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن...››

        بۇ يىل 4–ئاي ۋە 6–ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۆتكۈر خەنجەر بولايلى›› دېگەن تېمىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى، ‹‹ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مۇستەھكەم سېپىل قۇرايلى›› دېگەن تېمىدا مىليون پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە ئاممىنىڭ كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھۈسەنجان روزى باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى ھاياتىم ئارقىلىق قوغدايمەن.

        ھۈسەنجان روزى 30 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك خەلق ساقچىسى بولدى. ئۇ كۆپ يىللىق ساقچىلىق ھاياتىدا خەتەردىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ، يۇقىرى تاپشۇرغان تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ‹‹مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى››، ‹‹مەملىكەت بويىچە <1–ماي> ئەمگەك مېدالى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى، شەرەپ بىلەن ئون نەچچە قېتىم شەخسلەر بويىچە 1–، 2–، 3–دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى. بىر ئورۇننىڭ خىزمەت كەيپىياتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتە، مۇھىمى بۇ ئورۇننىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كەسىپتە تىرىشىدىغان–تىرىشمايدىغانلىقى، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان–قەدىرلىمەيدىغانلىقى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ باشلامچىلىق قىلىدىغان–قىلمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ‹‹ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى››. بۇ، ھۈسەنجان روزىنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان سۆز، ئۇ بۇ سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلىدى.

        ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئەيساجان ئابدۇل مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھۈسەنجان روزى بىر لۇغەت سېتىۋېلىپ ئۆزى ئۆگىنىپ، خەنزۇ ساقچىلاردىن تەلىم ئېلىپلا قالماي، يەنە ئاز سانلىق مىللەت خەلق ساقچىلىرىنى دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

        ئەيساجان ئابدۇل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دۆلەت تىلى سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچقا، ھەمىشە رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۈشىنەلمەيتتىم، خىزمەت ئۈنۈمىم بەك تۆۋەن ئىدى. مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھۈسەنجان روزىنىڭ دۆلەت تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، دۆلەت تىلىنى ئۆگەندىم، ھازىر مېنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەم ئۆسۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىم ئاشتى.ھۈسەنجان روزى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە جەڭگىۋار قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىدە ئۆگىنىش كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇقلاشتى.

        خىزمەتتە ھۈسەنجان روزى ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە تىكلەپ، ھەم قوماندان، ھەم جەڭچى بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىل بويى ئالدىراش يۈردى، قەيەر ئۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. بولۇپمۇ چوڭ دېلو يۈز بەرگەندە ئۇ ھەمىشە نەچچە ئون سائەت، ھەتتا نەچچە ئون كۈن پۈتۈن دىققىتىنى دېلوغا قارىتىپ، تاكى دېلو پاش قىلىنمىغىچە تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى.

        ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىرى توختى نىياز مۇنداق دېدى: چوڭ دېلولارنى پاش قىلىش ۋە جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىش جەريانىدا ھۈسەنجان روزى بىز بىلەن بىللە بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە پاش قىلىش ماھارىتى بىزنى بەك قايىل قىلىدۇ. بىر نەچچە قېتىم بىز يىپ ئۇچى ئۈزۈلۈپ قالدى، دەپ ئويلىغانىدۇق، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئىنتايىن جاھىل ئىدى، لېكىن ھۈسەنجان روزى بەزى ئۇششاق يىپ ئۇچلىرىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەھقىقلەش، سوراق قىلىش خىزمىتىنى تېزلىكتە تاماملاپ، دېلونى ۋاقتىدا پاش قىلدى.

        ھۈسەنجان روزى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلىپ چېنىقىپ، قابىل قوماندان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، بولۇپمۇ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك پەيتتە ئۇ ھەمىشە ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش، ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئاتاكىغا ئۆتكەندە ئالدىدا مېڭىپ، جەڭگىۋار ئىستىلى بىلەن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. كىشىلەر ئۇنى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى بىر ‹‹خەنجەر›› دەپ ئاتىدى.

        ھۈسەنجان روزى ھەمىشە كاماندىروپكىغا چىقاتتى، بەزىدە بىر يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئون نەچچە كۈن، ھەتتا بىر نەچچە ئاي كاماندىروپكىغا چىقىشقا توغرا كېلەتتى. ئىلگىرى ئۇ بىرنەچچە ئاي سىرتتا دېلونى تەكشۈرۈپ قايتىپ كەلگەندە، ئوغلى ئۇنى دادا دەپ چاقىرىشقا ئۇنىمىغانىدى.

        ئائىلىسى تىلغا ئېلىنسا، ھۈسەنجان روزى قەلبىدە ئۆكۈنەتتى. ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئۆيدىكى چوڭ–كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى خوتۇنىنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغانىدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، لېكىن ئۇ خوتۇنىنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالىتىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمىدى. 2017–يىلى 6–ئاينىڭ 27–كۈنى خوتۇنىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا ھۈسەنجان روزى ئۈرۈمچىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، دوختۇرخانىغا كېلىپ، خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي، ئامالسىز دوستىغا خوتۇنىنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.

        ھۈسەنجان روزىنىڭ ئوغلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭ قېيىنئاتىسى بىلەن قېيىنئانىسى باققانىدى، ئوغلى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بەك كەپسىزلىك قىلغاچقا، مۇئەللىم ھەمىشە ھۈسەنجان روزىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلايتتى.كېيىن ھۈسەنجان روزىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا ئەمەلىيەتتە كەپسىزلىك قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دادىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

        ھۈسەنجان روزى مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ گېپى خۇددى يۈرىكىمگە يىڭنە سانجىلغاندەك مېنى ئىنتايىن ئازابلىدى. لېكىن مەن ئائىلەمنى دەپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمدىن ۋاز كەچسەم بولمايدۇ. ئوغلۇم چوڭ بولۇپ، ئەسكەر بولغاندىن كېيىنلا ۋەتەننى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى، ھەربىيدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ج خ ئالاھىدە ساقچىلىقىغا ئىمتىھان بەردى، ئۇنىڭ بىر ياخشى ساقچى بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىدىن مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

        ھۈسەنجان روزى بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن شان–شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنتايىن كەمتەر كىشى، ئۇنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى ھېلىھەم ئىشخانىدىكى ھۆججەت ئىشكاپىدا. ھۈسەنجان روزى مۇنداق دېدى: جىنايەتكە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىز ساقچىلارنىڭ بۇرچى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر كۆپچىلىككە مەنسۇپ، شان–شەرەپنى تەشكىل بەرگەن. ساقچى بولغان ئىكەنمىز، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇشىمىز، دادىللىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلىشىمىز، دىققىتىمىزنى نەق مەيدانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى يىپ ئۇچى ئىگىلەشكە مۇجەسسەملەپ، دېلونى پاش قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

        ھۈسەنجان روزى مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەپداشلىرىم بىلەن بىللە باشتىن–ئاخىر كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، بۇرچ ئېڭى ۋە جەڭگىۋار روھ بىلەن، زوراۋان–تېررورچىلارغا قارشى ھايات–ماماتلىق جەڭدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇل تېشىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.