مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    بەختلىك تۇرمۇشنىڭ باشلامچىسى

    مەۋلۇدە2017-10-08 10:23:56شىنجاڭ گېزىتى

     بىڭتۈەن 5–شىسى 84–تۈەن 7–ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ پىڭ ھەققىدە

    سۈي يۈنيەن

        ۋاڭ پىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن پادا بېقىش، دېھقانچىلىق قىلىشقىچە، كۆچمە نوپۇستىن بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىشقىچە، ئادەتتىكى ئاممىدىن كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشقىچە، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشتىن بېيىش باشلامچىسى بولۇشقىچە بولغان جەرياندا تىرىشچانلىقى ۋە ئاق كۆڭۈللىكى، پارتىيە ئەزاسىغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ھېسسىياتى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە، تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

        ئارزۇ باشلانغان جاي

        شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5–شىسى 84–تۈەن 7–ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ پىڭ 9–ئاينىڭ 7–كۈنى تاڭ يورۇماستىلا، ئېتىزلىقىغا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى. ئۇ ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، سەھەر تۇرۇپ كەچكىچە ئىشلەش ئۇنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئايلانغانىدى.

        ‹‹ۋاڭ پىڭ ئۆزى يالغۇز ئۈچ ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ›› دېگەن بۇ سۆز 7–ليەندىلا ئەمەس، پۈتۈن 84–تۈەنگە تارقالغانىدى. پاختا تېرىش مۇسابىقىسىدە ئۇ بىر كۈندە 180 كىلوگىرامدىن كۆپرەك پاختا تەرگەن، بۇ، باشقىلارنىڭ تەرگىنىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ئىدى.

        ئۇ: بىڭتۈەن ماڭا تىرىشىپ ئىشلەيدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، دېدى. 1988–يىلى 18 ياشقا كىرگەن ۋاڭ پىڭ يۇرتى سىچۈەندە ميەنياڭدىكى بىر پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىدى، لېكىن ئائىلىسى نامرات، يەنە كېلىپ ئىنى–سىڭىللىرىمۇ ئوقۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئىشلەش ئۈچۈن يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە چېگرادىكى 84–تۈەنگە كەلدى.

        ۋاڭ پىڭ يۇرتدىشى خۇاڭ يىڭمىڭ بىلەن توي قىلغان چاغدا، 500 يۈەنگە ئىككى ئېغىزلىق بىر يۈرۈش كونا ئۆي سېتىۋالدى، ئۆي ئاددىيلا يېپىلغاچقا، ئۇلار ئۆگزىنى كاكۇل لاي بىلەن ئوڭشاپلا كۆچۈپ كىردى؛ كۆمۈر سېتىۋالالماي، ئوتۇن تېرىپ قالىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىللە كەلگەن يۇرتداشلىرى ئارقا–ئارقىدىن يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ۋاڭ پىڭ ئەر–خوتۇنلا قېپقالغانىدى.

        1992–يىلى ليەندە قوي باقىدىغان ئادەم چىقمىدى، ۋاڭ پىڭ ليەنجاڭنى ئىزدەپ بېرىپ، قوينى ھۆددىگە بېرىدىغان–بەرمەيدىغانلىقىنى سورىۋېدى، ليەنجاڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشەنگەن ھالدا قوينى ئۇنىڭ بېقىشىغا ھۆددىگە بەردى.

        ئەر–خوتۇن ئىككىسى 300 تۇياق قوينى ھەيدەپ سايرام كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغىچە باردى، باشقا چارۋىچىلار چېدىردا تۇرسا، ۋاڭ پىڭ ئەر–خوتۇن گەمىدە يېتىپ–قوپۇپ، قارىغاينىڭ مەدىكىنى تېرىپ قالىدى. يامغۇرلۇق كۈنلەردە موڭغۇل قوشنىسى بادىن چىلىننىڭ چېدىرىغا كىرىپ دالدىلاندى. ئۇلار 60 مو يەم–خەشەك ئېتىزىنى ئازراقمۇ ئىسراپ قىلماي، بۇغداي بىلەن بېدىنى ئارىلاشتۇرۇپ تېرىپ، قويلىرىنىڭمۇ، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوزۇق–تۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

        يىلنىڭ ئاخىرى ھۆددىنى نەقلەشتۈرگەندە ۋاڭ پىڭ 11 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالدى، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىشنىڭ خۇشاللىقىدىن ئېرى بىلەن تەڭ بەھرىلەندى. ئۇلار بۇ پۇلغا ئوغلىغا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى، ئىككى تەرەپتىكى ئاتا–ئانىلىرىغا ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزدى، قالغان پۇللارنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ خەجلىمەي، داۋاملىق قوي سېتىۋېلىپ باقتى.

        جاپانىڭ تېگى راھەت

        بۇ ئەر–خوتۇن ئىككىيلەن 1992–يىلى نوپۇسىنى 84–تۈەنگە ئالدۇردى، ئېرى بىڭتۈەننىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدى. 1995–يىلى ليەندە يەرلەرنى ھۆددە بېرىش باشلانغاندا ۋاڭ پىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، 400 مو يەرنى ھۆددە ئالدى. بۇ چاغدا كۆپچىلىك: بۇ ئايال مۇشتۇمدەك تۇرۇپ، يۈرىكى قاپتەككىنە، زىيان تارتسا قانداق قىلىدۇ؟ دېيىشتى.

        ئۇ يەر ھۆددە ئالغاندىن كېيىن، 100 مو يەرگە قىزىلچا تېرىدى. ‹‹يېقىن ئەتراپتىكى شېكەر زاۋۇتى تېخنىك ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈممۇ خاتىرجەم بولغانىدى›› دېدى ۋاڭ پىڭ ئەسلەپ. ھوسۇل يىغىۋالغاندا ۋاڭ پىڭ 30 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

        شۇ يىلى قوينىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قوي سېتىۋېلىشقا باشلىدى، ئەمما ۋاڭ پىڭ قوي كۆپ بولسا، باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ ئويلاپ، قويلىرىنى قولدىن چىقىرىۋەتتى، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

        7–ليەن تۈەننىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، كېۋەز تېرىشقا ماس كەلمەيتتى. ۋاڭ پىڭ ئەينى چاغدا بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەي، 1999–يىلى 120 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ، ئاران ئىككى توننا ھوسۇل ئېلىپ، 60 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى، ھېلىمۇ ياخشى باشقا زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ياخشى بولغاچقا، يىل ئاخىرىدا يەنىلا پايدا ئالدى. لېكىن ۋاڭ پىڭ ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، داۋاملىق تىرىشتى.

        7–ليەندە مۆلدۈر ئاپىتى كۆپ يۈز بېرەتتى. 2007–يىلى بىر قىسىم ئىشچى–خىزمەتچىلەر ئەمدىلا زىرائەت ئۈنۈپ چىققان يەرلىرىنى تاشلاپ، سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى، ليەندىكى 870 مو ئۈنۈمسىز يەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەس بولدى. ئەينى چاغدىكى ليەنجاڭ بۇ شيەنيۈن ۋاڭ پىڭنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئۈنۈمسىز يەرلەرنى ھۆددە ئېلىپ تېرىشنى ئېيتتى. 2000–يىلى ليەننىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلانغان ۋاڭ پىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ يەرلەرنى ھۆددە ئېلىشنى قارار قىلدى.

        870 مو ئۈنۈمسىز يەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ 960 مو ھۆددە يېرى ۋاڭ پىڭ ئەر–خوتۇننىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى يەنە بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار تۇنجى قېتىم 200 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، كۈنبويى ئېتىزلىقتا ئىشلىدى، زادىلا يېتىشىپ بولالمىغاندا ئىشلەمچى ياللىدى.ئون نەچچە ئائىلىلىكنىڭ ئۈنۈمسىز يېرى بىرلا جايدا بولمىغانلىقتىن، ئۇلار بىر كۈندە ئۈچ–تۆت جايغا قاتراپ ئىشلىدى، كۈندۈزى ئېتىزلىقتا ئىشلەپ ھېرىپ ھالىدىن كەتسىمۇ، كەچلىرى ئۇخلىيالمىدى، ۋاڭ پىڭ تۇنجى قېتىم زور بېسىم ھېس قىلغانىدى.

        جاپالىق ئەجىر ئاخىر مېۋە بەردى، شۇ يىلى ئۇلار قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغاندىن باشقا، 300 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. نۇرغۇن كىشى ئۇلارنىڭ كىرىمىگە قاراپ ليەن ئۇلارغا ئاستىرتىن ئېتىبار قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ليەندۈي جىددىي يىغىن ئېچىپ، بۇ يەرلەرنىڭ كۆپچىلىك تاشلاپ قويغان ئۈنۈمسىز يەر ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ پىڭ ئەر–خوتۇننىڭ ليەنگە ھۆددە پۇلىنى تولۇق بەرگەنلىكىنى، ھېساباتنىڭ پۈتۈنلەي ئاشكارا ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىك خالىغان چاغدا تەكشۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

        شۇنىڭدىن كېيىن، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى، كېلەركى يىلى نۇرغۇن كىشى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى، ۋاڭ پىڭ ئۆزلىرى سۈپىتىنى ياخشىلىغان 500 مو يەرنىمۇ پۈتۈنلەي كۆپچىلىككە تېگىشىپ بەردى.

        بۇ ئىش ۋاڭ پىڭنىڭ ئېرىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي: ھازىر يەر ئالتۇندەك قىممەتلىك تۇرسا، نېمىشقا يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىمىز دېگەندە، يېقىندىلا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان ۋاڭ پىڭ: مەن پارتىيە ئەزاسى، كۆپچىلىك بىلەن تەڭ باي بولۇشۇم كېرەك، دەپ ئېرىنى قايىل قىلدى ۋە ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

        بارلىقىم يۇرتداشلار ئۈچۈن

        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋاڭ پىڭ كۆپچىلىككە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ كەلدى. 2004–يىلى ليۇ جۈنلى ئىسىملىك بىر خىزمەتچى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، 5000 يۈەن ھۆددە پۇلى كەملەپ قالغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ۋاڭ پىڭ دەرھال ئۇنىڭغا پۇل ئۆتنە بەردى. ليۇ جۈنلى ۋاڭ پىڭغا ھۆججەت يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ۋاڭ پىڭ ھەممىمىز يۇرتداش تۇرساق، ھۆججەت يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دەپ رەت قىلدى. يىل ئاخىرىدا ليۇ جۈنلى پۇل تېپىپلا ۋاڭ پىڭدىن ئالغان قەرزنى قايتۇردى، لېكىن ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا 10 مىڭ يۈەن پۇلى كەملەپ قالدى. ۋاڭ پىڭ ئىككىلەنمەيلا ليۇ جۈنلى قايتۇرغان 5000 يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، بانكىدىن يەنە 5000 يۈەن ئېلىپ بەردى.

        ليۇ جۈنلى ۋاڭ پىڭنىڭ قايتا ياردەم بېرىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى، دورا چېچىش ماشىنىسى، سېيالكا سېتىۋالدى. ليۇ جۈنلى ھازىر بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئوغلىنى ئۆيلىدى، ئۇ ھازىر قوشكېزەك نەۋرىسى بىلەن ناھايىتى بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

        بۇلتۇر ۋاڭ پىڭ بىڭتۈەن 5–شىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خۇنەنگە ئۆگىنىشكە بارغان مەزگىلىدە ليەندۈينىڭ خىزمەتچىسى ياڭ جىپىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، دورا چېچىش ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا پۇلى كەملەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ پىڭ ليەندۈيگە قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا يۈك–تاقلىرىنى سۆرىگىنىچە بانكىغا بېرىپ، ياڭ جىپىڭغا 115 مىڭ يۈەن ئېلىپ بەردى. ياڭ جىپىڭ پۇلنى ئېلىپلا دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، كېچىلەپ پويىزغا ئولتۇرۇپ خېيلۇڭجياڭغا يولغا چىقتى ھەم شۇ يىلىلا سالغان مەبلىغىنى ئىشلەپ قايتۇرۇۋالدى.

        ۋاڭ پىڭدىن قەرز ئالغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل قەرز بېرىپ تۇردى.

        يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆپچىلىك دۇچ كېلىدىغان خەۋپ–خەتەر ئوخشاش، بۇلتۇر ۋاڭ پىڭ مۆلدۈر ئاپىتى تۈپەيلىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك زىيان تارتتى. ۋاڭ پىڭ: 1400 مو بۇغداي ئورۇشقا ئالتە كۈن قالغاندا مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىدى، بۇغدايلارغا قاراپ كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ كەتتى، دېدى. ۋاڭ پىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان، كۆپچىلىك يەنە 400– 500 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئۇ يۇرتداشلىرىنى پۇل قايتۇرۇشقا ئالدىراتمىدى، ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي كورلىغا بېرىپ، دوستىدىن قەرز ئېلىپ، بانكىدىكى قەرزىنى قايتۇردى.

        ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچىسى، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، بىرلىكتە چېگرانى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قوغداپ، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، يۇرت–ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.