مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    بارىكۆلدە ئېكولوگىيەلىك ئىناقلىق گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى

    مەۋلۇدە2017-10-07 11:49:46شىنجاڭ گېزىتى

     بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەردە 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ياۋا غازلار. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، پولات نىياز فوتوسى)

     قومۇل شەھىرىنىڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارىكۆل كۆلى، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ئۈچۈن تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، ناھىيە بويىچە 23 مىڭ مو سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىندى، 917 مىڭ مو دۆلەت نۇقتىلىق جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى، 6000 مو ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى پەرۋىش قىلىندى، 820 مىڭ مو سۇلۇق يەر قوغدالدى، 15 مىليون 450 مىڭ مو ئوتلاقتا ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى، 4 مىليون 50 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىش چەكلەندى (بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون 150 مىڭ مو ئوتلاق قاشالاندى). كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ جايدا ھازىر ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.