مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    شىخو خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

    مەۋلۇدە2017-10-07 11:38:13شىنجاڭ گېزىتى

    1-ئۆكتەبىر، خىزمەتچىلەر شىخو خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر رايونى(شىمالىي رايون)دىكى شىخو «يۈشى» نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتىدە كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرمەكتە.(شىنجاڭ سۈرەتلەر مەجمۇئەسى، گاۋ بو فوتوسى)

      شىخو «يۈشى» نېفىت - خىمىيە چەكلىك شىركىتى شىخو شەھىرىدىكى نۇقتىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىنغان كارخانا بولۇپ، ئاساسلىقى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلار تېخنىكىسىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىخو خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر رايونى بۇ يەرگە ماكانلاشقان كارخانىلارنى ئورۇن، باج، سۇ، توك جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، كۆلەملىك كارخانىلارنى بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلدى. كەسىپلەر رايونى ھازىرغىچە 104 كارخانىنى ماكانلاشتۇرۇپ، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە 4 مىليارد 234 مىليون يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.2 ئاشۇردى؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 1 مىليارد 495 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.2 ئاشۇردى.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.