مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    بىپايان زېمىنغا گۈزەل كەلگۈسىنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش

    ئامانگۈل2017-10-05 12:04:23شىنجاڭ گېزىتى

     باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن جايلارنى قايتا زىيارەت

     كۈز پەسلىدىكى بىپايان زېمىن ئالتۇن رەڭگە پۈركەنگەنىدى.

     تاغ – دەريالارغا مىليونلىغان خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىغا بولغان تەلپۈنۈشى باغلانغان. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

     پارتىيە 18 –قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

     بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇخبىرىمىز يېقىندا باش شۇجى دۆلەت ئىچىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان جايلارنى قايتا زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتىدىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرىنى تىرىشىپ يارىتىۋاتقان روھىي قىياپىتىنى كۆردى.

     يۇرت – ماكاننى قوغداش: ياپيېشىل تاغلارنى، زۇمرەتتەك سۇلارنى ساقلاپ قېلىش، يۇرتقا بولغان مۇھەببەتنى ئەستە ساقلاش

     ‹‹كۆل بويىدا ئەتىياز ئۆزگىچە بولۇر، ئاددىي يېشىللىقنىڭمۇ ھېكايىسى كۆپ بولۇر›› 2017 – يىلى 9 – ئايدا يۈننەن دالى ئېرخەي كۆلى بويىدا بەيزۇ دېھقان لى دېچاڭنىڭ دەرۋازىسىدىكى مەسنەۋى گۈزەل يېزىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلغانىدى.

     ‹‹2015 – يىلى 1 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ دالىنىڭ گۇشېڭ كەنتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئېرخەي كۆلى بويىدا ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆردى، كەنتتىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ھويلىدا پاراڭلاشتى، باش شۇجى ياپيېشىل تاغلارنى، زۇمرەتتەك سۇلارنى ساقلاپ قېلىش، يۇرتقا بولغان مۇھەببەتنى ئەستە ساقلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى›› دېدى لى دېچاڭ. باش شۇجىنىڭ سۆزى لى دېچاڭنىڭ قەلبىگە مۆھۈر باسقاندەك بېسىلغانىدى.

     ئېرخەي يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئېگىزلىك كۆلى. نوپۇس ئۈزلۈكسىز كۆپىيىش، ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، ئېرخەي ھەۋزىسىدە بۇلغىنىش تېزلەشتى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى چەتنەپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

     ‹‹ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بىراق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ››، ‹‹تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قېلىشقا، بۈگۈننىلا ئويلاپ، ئەتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈشكە بولمايدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم مۇلاھىزىسى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا بېرىلگەن جاۋاب بولدى.

     دالى بۇ يىل 3 – ئايدىن بۇيان، ئېرخەي ھەۋزىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش رايونى يادرولۇق رايونىدا يېمەك – ئىچمەك، قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1900 تىجارەتچىنى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇدى؛ تۇرۇبا تورىنى ئوڭشاپ، تۇرمۇش بۇلغانما سۈيىنىڭ كەلگۈسىدە كۆلگە ئېقىپ كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى ئۆزگەرتتى... ساڭئېرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

     بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە ئېرخەي كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئۇنىۋېرسال دەرىجىسى II دەرىجە بولدى؛ كۆك كاھىشلىق، تاملىرى ئاقارتىلغان، سۇس سىياھ رەسىم ئۇسلۇبىدىكى بەيزۇلارنىڭ ئۆيى ساڭشەن ئېرخەيدىكى مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى.

     لى دېچاڭ مۇنداق دېدى: مۇھىتنى ئوبدان تۈزىسەكلا يۇرت مۇھەببىتىنى، يۇرتىمىزنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ قالالايمىز.

     ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت – ماكانى بولۇش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كىندىكىدە زاڭزۇ قىزچاق بەيماگانىڭ ‹‹يۇرت مۇھەببىتى›› ئەجدادلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئېگىزلىك ئوتلىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

     بەيماگا بۇ يىل 15 ياش. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى توتو دەرياسى رايونىدىن چىڭخەي گولمۇد شەھىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئاز كەم 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاڭگۇلا تېغى بازىرى چاڭجياڭيۈەن كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلى 8 – ئايدا چىڭخەي ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بەيماگانىڭ چوڭ دادىسى سېنگېنىڭ چاڭجياڭيۈەن كەنتىدىكى ئۆيىگە بارغانىدى. بۇ يىل 9 – ئايدا مۇخبىرىمىز يەنە بىر قېتىم سېنگېنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە بەيماگا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق تاغدىكى ئوتلاققا قايتىش ئەھۋالىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى.

     بەيماگا مۇنداق دېدى: 7 – ئايدا تاغدا ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەنتتىكىلەر گوجۇاڭ ئۇسسۇلى ئوينايدۇ، ئارغىماقلىرىغا مىنىشىپ، قامچىسىنى ئوينىتىپ، ئات بەيگىسىگە چۈشىدۇ. ياپيېشىل ئوت – چۆپلەر ناھايىتى بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، يىراققا نەزەر سالسىڭىز ياۋا قوتاز، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى قاتارلىقلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. مېنىڭ يۇرتۇم ھەقىقەتەن گۈزەل!

     چاڭجياڭيۈەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گېڭگانەنجيې مۇنداق دېدى: كەنتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتلاق قوغدىغۇچىسى، تاغدىكى ئوتلاقنى قەرەللىك چارلاپ تۇرىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭيۈەن كەنتى يەنە ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى نۇقتىلىق يولغا قويدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى.

     ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشتىن تارتىپ، يېڭى يۇرت – ماكان قۇرۇش، ئانا تۇپراقنى قوغداشقىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بولغان چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ‹‹يۇرت مۇھەببىتى››نىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلمەكتە.

     يېشىل تەرەققىيات: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق

     ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، گۈزەل مەنزىرە يېڭى ئېنېرگىيەگە ئايلانغاندا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

     بۇ، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بېيىش يولى ───

     بۇ يىل 9 – ئايدا مۇخبىر ئەگرى – بۈگرى ئېكولوگىيەلىك تاشيولنى بويلاپ مېڭىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن دىڭخەي رايونىنىڭ شىنجيەن مەھەللىسىدىكى كەنت ئاھالىسى يۈەن چىجۇڭنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، 70 ياشقا كىرگەن يۈەن چىجۇڭ ۋە ئۇنىڭ تۆت پەرزەنتى سەھرا ئارامگاھىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇرۇن يەر تېرىش، ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى قىلىش بىلەن جان باقىدىغان بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى ھازىر نەچچە قاتلاندى.

     بۇ دېھقان ھويلىسى 2015 – يىلى 5-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈن باشقا ھويلىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيە بۇ يەردە قەدەممۇ قەدەم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇرۇن نامى چىقمىغان دېڭىز ئارىلىدىكى بۇ كىچىك كەنتنىڭ ھازىر يىراق – يېقىندا داڭقى بار.

     شىنجيەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ جىنخۇڭ كەنتتىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەھەللىمىزنىڭ يېزا مۇھىت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. قاتناش تارماقلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، كەنتىمىزگە كىرىدىغان 4.5 كىلومېتىرلىق يولنى ياسىدۇق؛ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى قۇردۇق؛ يېڭىدىن ساياھەتچىلەر مەركىزى، مەدەنىيەت زالى، ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى سالدۇق. بۇ ئىككى يىلدا مەھەللىمىز يەنە ‹‹جۇڭگو بويىچە ئەڭ گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

     سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ساقلاپ قېلىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بېلىقچىلارنىڭ رەسىم، قەغەز قىيما قاتارلىق يەرلىك مەدەنىيەت ھاسىلىي بۇيۇملىرى تەدرىجىي ھالدا شىنجيەن مەھەللىسىنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى. تام رەسىملىرى كەنتى، مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى بازىسى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى پۇرسەت ياراتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2011–يىلىدىكى ئاز كەم 10 مىڭ يۈەندىن 2016 –يىلى 30 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرى شاڭگەنلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمانچىلىق رايونلىرىدا دەل – دەرەخلەرنى كېسىشنى پۈتۈنلەي توختاتقاندىن كېيىن، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر نېمىگە تايىنىپ جان بېقىش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلدى.

     2016 – يىلى 5 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يىچۈن شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش غېمىدە بولدى.

     يىچۈن شەھىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. 2016 – يىلى شاڭگەنلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى 193 مىڭ 300 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ 2015 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31.5 ئاشتى. بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يەنە قېرىنقۇلاق تېرىش، مېۋە – چېۋە، كۆكتات پارنىكى ياساش قاتارلىقلار ئارقىلىق بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.

     بۇ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى قوش پايدا ئېلىش يولى ───

     چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي جىچۈەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخەينى كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشى توغرىسىدا توختالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رايون ئورنى ناچار بولغاچقا، گولونىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانىدى، كادىرلار ۋە ئامما دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش ئاشلىقىغا تايانماقتىن باشقا ئامال يوق، دەپ ئويلايتتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2016 – يىلى 8 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەينى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىز دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھېسابات قىلىشتىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك ھېسابات قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز ئاخىر دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش سۇپىسىنى تاپتۇق!

     ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر گولو ئوبلاستىدا پادا بېقىشنى چەكلىگەنلەرگە تولۇقلىما پۇل، چارۋىلىرىنى ئازايتقانلارغا مۇكاپات، باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچىلارغا ئىش ھەققى بېرىلىدىغان بولدى. ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىق، تۇرمۇشقا كاپالەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مادار، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچ بار بولدى.

     چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زادو ناھىيەسى ئاڭسەي يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى زاشى دۇڭجۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 8 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىش نۇقتىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى خادىملار بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېزىمىز 15 ئائىلىنى ئېكولوگىيەلىك سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

     چىڭخەيدە كۆك نامراتلار ئاساسلىقى چارۋىچىلىق رايونلىرى، يېزىلارغا مەركەزلەشكەن، ئۇلار ئوتلاق ۋە يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. چىڭخەي سەنجياڭيۈەن دۆلەت باغچىسىنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇردىن باشلاپ، سەنجياڭيۈەن دۆلەت باغچىسىنىڭ تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچىلار جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىندى، ئۇلار تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئاي بويىچە ئىش ھەققى تارقىتىپ بېرىلدى. ھازىرغا قەدەر باغچە رايونىدا 10 مىڭغا يېقىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى كىنىشكا ئېلىپ ئىش ئورنىغا چىقتى.

     بۇ، بايلىقتىن ئايلانما ئېچىپ پايدىلىنىدىغان يېشىل يول ───

     بىر تەرەپتە تۇز ئېلىش پاراخوتى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ لېئونىتلىق تۇز كان ياتمىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا؛ بىر تەرەپتە سۈنئىي توغان ئايرىپ تۇرغان تاتلىق سۇ كۆلىدە بېلىقلار توپ توپى بىلەن ئۈزۈشمەكتە، سۇ قۇشلىرى پەرۋاز قىلماقتا. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ چارخان تۇز كۆل رايونىنىڭ مەنزىرىسى ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيە، تۇرمۇش›› ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى بولۇپ قالدى.

     تۇز كۆللۈكلەر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، 2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ چايدام ئويمانلىقىنىڭ چارخان تۇز كۆلىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ‹‹يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش››، ‹‹تۇز كۆلدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىق ئارقىلىق خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش››نى تەكىتلىگەن.

     2016–يىل 12 –ئاينىڭ 31 –كۈنى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تۇز كۆل ئىشقارلىق سۇ ماگنىي نۆكچىسى چىڭخەي تۇز كۆل سانائەت پاي شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلدى، بۇ، پۈتۈن تۇز كۆلدە كالىيلىق تۇز، ناترىيلىق تۇز، ماگنىيلىق تۇز، لىتىيلىق تۇز قاتارلىق تۇزلارنى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇز كۆل بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئايلانما ئىقتىسادنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     چىڭخەي تۇزكۆل سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ شىڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى بىرلا ۋاقىتتا لايىھەلەش، قۇرۇش، مەشغۇلات قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىغا، ئەتراپتىكى ئوتلاق ۋە يېشىللىقلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، يېشىل ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

     قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىش: مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

     ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر تۈزۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار مۇھىت ئاسراش تۈزۈمى، سىياسىتى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن تارتىپ، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىش ۋە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقىچە، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى گۈزەل جۇڭگو ئۈچۈن ‹‹مۇھاپىزەت پاراخوتى›› بولدى.

     بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونى جاڭشىنجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 36 ياشقا كىرگەن شۇجىسى جاڭ خۇڭفېڭ يىل بېشىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ ‹‹دەريا باشلىقى›› بولدى. بۇ يىل 2 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان ‹‹بۈيۈك قانالنى قوغداش بۈيۈك قانال بويىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى›› دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى جاڭ خۇڭفېڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

     جاڭ خۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: تۇڭجۇدىكى بۈيۈك قانال بېيجىڭ – خاڭجۇ بۈيۈك قانىلىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا تۇڭجۇنىڭ ئىسىم كارتىسى. بۈيۈك قانالنىڭ سۈيى سانائەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىشى، تۇرمۇش مۇھىتى بۇلغىنىش سەۋەبىدىن سېسىپ، قارىىيىپ كەتكەنىدى، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۈزەشتىن كېيىن، سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇڭجۇ رايونىدىكى قارىداپ كەتكەن سېسىق سۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىدىكەن؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا تۇڭجۇ رايونىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچا يېشىللىق كۆلىمى 18 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

     نۇقتىدىن سىزىق، سىزىقتىن دائىرە ھاسىل بولىدۇ. يەر كەڭ، ئادەم ئاز، قاتناش قولايسىز جايدىمۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ‹‹خوجايىن››لىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

     بۇلتۇردىن بۇيان، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3900 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى زادو ناھىيەسى ئاڭسەي يېزىسىدا ئىككى زاڭزۇ چارۋىچى زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىن پايدىلىنىپ، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتى بىلەن يىلپىزنىڭ جۈپلىشىشىنى ھەم قوڭۇر ئېيىق، قاپلان قاتارلىق چوڭ ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى تارتقان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى خاتىرىلەشنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

     2016 – يىلى 8 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹چىڭخەي ئېكولوگىيە كۆزنىكى›› ئارقىلىق كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى خادىملار بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

     چىڭخەي ئۆلكىلىك مۇھىت ئۇچۇرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خۇڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ‹‹چىڭخەي ئېكولوگىيە كۆزنىكى›› توردا يىراق مۇساپىلىك سىنلىق كۆزىتىش – باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بۇلتۇر 8 – ئايدىكى سەككىز كۆزىتىش نۇقتىسى ھازىر 19 غا كۆپەيدى، كېلەر يىلى 40 قا يېتىشى مۇمكىن.

     ئىلگىرى باش شۇجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈشتە ‹‹يۈزتۇرا›› سۆزلەشكەن زاشى دۇڭجۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز خەلقئارا تەبىئىي كۆزىتىش بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى، لەيلەپ ئېقىش ۋە پىيادە مېڭىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناشقۇچىلارغا ئاڭسەي چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، چارۋىچىلارنىڭ ئۆز زېمىنىنى قوغداش ئېڭىنى بارغانسېرى كۈچەيتتۇق.

     ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى›› يولغا قويۇلۇپ، ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق›› بولغان يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنى يۈرگۈزۈلدى، ئېكولوگىيەلىك قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، ئېكولوگىيەنى باشقۇرغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى خادىم سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى... قاتتىق تۈزۈم، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەيلى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

     قىيىنچىلىق ئالدىدا قەيسەرلىك تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆگەنگەندىلا يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەپىرىدە كۆپ تەرەپلىمە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل بولغان كەلگۈسىگە داغدام قەدەم بىلەن ئاتلىنايلى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.