مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    پامىر ئېگىزلىكىدە ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىۋاتقان مېھرىگۈل ھېكىمخان

    ئامانگۈل2017-10-05 10:57:48شىنجاڭ گېزىتى

     ياشلىق باھارى بىلەن ئىلىم – مەرىپەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى گۈللەرنى قەلب رىشتى بىلەن سۇغىرىۋاتقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاشقورغان يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېھرىگۈل ھېكىمخان ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشىنى ئۈن – تىنسىز داۋاملاشتۇردى.

     بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن مېھرىگۈل ھېكىمخان ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تاشقورغان ناھىيەلىك شەھەر – يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپى، تىزناپ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، تاشقورغان يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىسى، ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۇنىڭ خىزمەت ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتنىڭ كۆپ قېتىم تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى، 2014 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشقاندا ئۇنىڭ خەنزۇچىنى شۇنچە راۋان سۆزلىگەنلىكىدىن ئۇنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە چوڭ بولغان تاجىك ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىگەنىدى. بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تاشقورغان يېزىسىنىڭ قۇزغۇن كەنتى يەسلىسىدە مېھرىگۈل ھېكىمخاننى يۈزتۇرا زىيارەت قىلدىم. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى قۇزغۇن كەنتى يەسلىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ، بالىلار ئامالسىز چېدىردا ئوقۇپتۇ، قۇزغۇن كەنتىنى قايتا قۇرۇش باشلانغاندا كەنت يەسلىسىنى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشى ئەڭ بۇرۇن باشلىنىپتۇ.

     يەسلى قايتا سېلىنىۋاتقان ئاشۇ بىر نەچچە ئايدا، مېھرىگۈل ھېكىمخان كۈن ئارىلاپ پات – پات كېلىپ كۆرۈپ تۇردى. ھازىر ئۈچ ئاي ئۆتتى، قۇزغۇن كەنتى يىپيېڭى قىياپەتكە كىردى، كەنت يەسلىسى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشى بويىچە ئەڭ بۇرۇن تاماملانغان تۈر ئىدى. مېھرىگۈل يەسلىدىكى بالىلارنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمىدى، ئۇ ۋاقتى بولسىلا يەسلىگە كېلىپ، بالىلارنى كۆرۈپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردى.

    مېھرىگۈل ھېكىمخان مۇنداق دېدى: بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز، پامىر ئېگىزلىكى ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، دۆلەت ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىم بار.

     مېھرىگۈل كۈندىلىك خىزمەتتە دائىم ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولدى. ئۇ ‹‹كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش››تىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹بەشنى تونۇش›› ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى، سىياسىي تەربىيەنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئىدىيەۋى باشلامچىسى بولدى.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان مەيلى يەسلى ياكى مەكتەپتە بولسۇن، ھەر ئايدا بىر قېتىم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چاچتى. ئۇ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ‹‹قوش تىل›› دەرسى ئۆتۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئىشلىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. مېھرىگۈل ھېكىمخان تىزناپ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە سىنىپتا ئايلاگۈل ئەركىن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۆگىنىشتە ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. مېھرىگۈل ھېكىمخان ئارىلىقتا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ۋاقتىدا زېھنىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، دەرستىن چۈشكەندە باشقا ئوقۇغۇچىلار مەيداندا ئوينىسا، ئايلاگۈلنىڭ بىر بۇلۇڭدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرىدىغان، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئانچە پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئالايىتەن ئايلاگۈلنىڭ ئۆيىگە ئەھۋال ئىگىلەشكە باردى ھەم ئايلاگۈلنڭ دادىسى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى، ئايلاگۈلنىڭ دادىسى ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ، مەكتەپنىڭ خىزمىتىگە جەزمەن پائال ماسلىشىپ، بالىغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېھرىگۈل ھېكىمخاننىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئايلاگۈل خۇشاللىققا تولغان ساغلام ئائىلە مۇھىتىغا ئېرىشتى ھەم ئىلگىرىكى شوخ، ئوماق ھالىتىگە قايتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر ئايلاگۈل ئۇنى كۆرگەن ھامان، ئۆزىنى ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىپ، ئۇنى ‹‹ئاپا›› دەپ يېقىملىق چاقىرىدىغان بولدى.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان مائارىپ ئىشلىرىغا جان – دىل بىلەن ئاتلىنىپ، يارقىن كىشىلىك ھاياتى، جۇشقۇن ياشلىق باھارىنى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن بالىلارنىڭ قەلب تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى قاناتلاندۇردى.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان 12 يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەڭ چېتىدىكى يېزا – بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىدى، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بالىلىرى ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىدىن كۆپ خەۋەر ئالالمىدى، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى ئاتا – ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلدى.

     تاشقورغان يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى جىڭ مۇنداق دېدى: مېھرىگۈل ھېكىمخان ئۆزىنىڭ بارلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلىدى، ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا كۆپ قارىيالمىدى. بىر قېتىم ئېرى كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ، ئۈچ ياشلىق بالىسى ئاغرىپ قالغاندىمۇ، ئۇ بالىسىنى ئاتا – ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىپ ئالدىراش يۈردى، بالىسىغا پەقەت كەچتە ئۆيگە قايتقاندىلا قارىيالىدى.

     مېھرىگۈل ھېكىمخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى توغرا چۈشەنمىگەندە، ئۇ: مەن ئانا ھەم بىر ئايال، شۇنداقلا خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ئوقۇتقۇچى دېگەنلىك ئۆزىنى بېغىشلاش دېگەنلىكتۇر، سىلەرنىڭ مېنى چۈشىنىشىڭلارنى ھەم قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. ئۇ بالىلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ قىلالايدىغىنىم دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە ئۆيۈمدىكىلەرگە ياخشى تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئازراق بولسىمۇ ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بىز پامىر ئېگىزلىكىدىكى قاقاس جايلاردا ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىپ، بالىلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەتسەكلا، ئۇلار كەلگۈسىدە گۈزەل يۇرت – ماكانىنى قۇرغۇچىلاردىن بولالايدۇ، ھەممەيلەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلالايدۇ.

     مېھرىگۈل ھېكىمخان ئۆزىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ، پارتىيە ۋە خەلق ماڭا بەرگەن ئالىي شەرەپ، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش شەرىپىگە مۇناسىپ ئىش قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.