مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ‹‹ئەلنىڭ بەختى بىزنىڭ بەختىمىز››

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:23:59شىنجاڭ گېزىتى

    مۇختارئابدۇقادىر، ئوسمانجان ئىسمائىل

     ياخشى ئىشنىڭ چوڭ – كىچىكى بولمايدۇ، خۇددى قۇياش نۇرى تامچە سۇدىمۇ ئەكس ئەتكەندەك. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىكى كەنتلەردە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئاددىي، ئەمما تەسىرلىك ئەمەلىي ئىشلىرى ئەل قەلبىنى سۆيۈندۈرۈپ، خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى.

     تىككۈچىلەرگە ئامەت كەلدى

     ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى جىگدىباغ كەنتىدىكى تىككۈچى رابىيەم ئەركىن 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ كەنتتە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ قولىدىن 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەھمەت سىلەرگە، دۇكىنىمدا ئىلگىرى كونا كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن ئىككىسى بولۇپ، ئۈچ شاگىرتىمغا يېتىشمەي قالاتتى. كىيىم تىكىشتىن قىلىدىغان يىللىق كىرىمىممۇ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغانىدى. ئەمدى كىيىم تىكىش ماشىنام بەش بولدى، يەنە كېلىپ بۇ ماشىنىلار توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىىنىدىكەن، يەنە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، كىرىمىمنى كۆپەيتىشكە تىرىشىمەن.

     خىزمەت ئەترىتىدىكى ھاشىگۈل ئىمىر رابىيەم ئەركىننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى تۆت ئادەم سەككىز مو تېرىلغۇ يەرگە قاراشلىق ئىكەنسىلەر، تىككۈچىلىكتىن قىلىدىغان كىرىمىڭىزمۇ كۆپ ئەمەس ئىكەن، شۇڭا سىزگە كىيىم تىكىش ماشىنىسى سوۋغا قىلدۇق. بۇ پارتىيەنىڭ سىلەرگە قىلغان مېھىر – شەپقىتى، كەنتتىكى تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان مېيىپ، قىيىنچىلىقى بار ياشلار بولسا ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۆزىڭىزنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارغىمۇ چىقىش يولى تېپىپ بېرىشىڭىزنى، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، سىلەر باي بولساڭلار بىزمۇ خۇش بولىمىز، ئەلنىڭ بەختى بىزنىڭ بەختىمىز.

     شۇ كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئايكۆل بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ماسلىشىپ ياردەم قىلغان 22 مىڭ 300 يۈەن قىممىتىدىكى سەككىز كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى سېمىنەم ئېلىنىياز قاتارلىق تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى.

     تۆۋەنكى لەڭگەردىكى بەخت ھويلىسى

     8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەچتە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتىدىكى پاتەم ياسىننىڭ ئۆيىدە ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنىدى.

     -سىلەر بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلىمىز، دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭلار، دېھقاننىڭ نېنى چىشقا دورا دەپتىكەن، ئاددىي بولسىمۇ نان بىلەن قېتىققا ئېغىز تېگىڭلار.

     -پاتەم ياسىن ھەدىمىز توغرا دەيدۇ، – دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھۆرەم ساۋۇت، دېمىسىمۇ سىلەر ھەقىقەتەن جاپا تارتتىڭلار، خىزمەت ئەترىتىدىكى بەش ئادەم 5000 يۈەن چىقىرىپ ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، يەنە تۆت ئەمگەكچىگە ئىش ھەققى بېرىپ، كەنتتىكى ئۈچ نامرات ئائىلىنىڭ 280 كىۋادرات مېتىر ھويلىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بەردىڭلار، بۇ دېھقانلارنىڭ ھويلىسىنى ‹‹بەخت ھويلىسى›› دېسەك بولغىدەك.

     -بۇ ئىشنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ھۆرەم شۇجى،-دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۈلنىسا ئەخمەت،-ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن چوقۇم بىزنى ئەۋەتكەن تەشكىلگە، كۆز ئالدىمىزدىكى دېھقانلارغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك تە، شۇ تاپتا بۇ ھويلىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى چىرايلىق ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىككى كۈندىن بۇيان تارتقان جاپايىمىزنى ئۇنتۇغاندەك بولدۇق.

     ‹‹ئىلتىپاتىڭلاردىن سۆيۈندۇق››

     ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە توپلۇق يېزىسىنىڭ قاراكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەنتتىكى تەتىل قىلىۋاتقان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 20 ئوقۇغۇچىغا 3000 يۈەن قىممىتىدە كىيىم تارقىتىپ بەردى. ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر يۈسۈپ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق، بىز تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەمەلىي ھەرىكتىمىز ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

     -شاڭخەي خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم تۇردىشېخنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلى بېشىمىزنى قاتۇرغانىدى، خىزمەت ئەترىتى بەرگەن 4000 يۈەن ئائىلىمىزدىكىلەرنى بۇ غەمدىن خالاس قىلدى،-دېدى ئايكۆل بازىرىنىڭ پايناپ كەنتىدىكى تۇرغۇن ئاۋۇت 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ قولىدىن ئوغلىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا.

     شۇ كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شىخەنزە سەھىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى راھىلە ئوسمانغىمۇ ئاپتونوم رايون كەنتكە چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاممىۋى خىزمەت راسخوتىدىن 2000 يۈەن بەردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇرېشىت ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلەڭلەردە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلىمىز، لېكىن سىلەر قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي تىرىشقاندىلا داۋان ئاشالايسىلەر، ئىرادىلىك بولۇڭلار، قىيىنچىلىق بولسا پارتىيە، ھۆكۈمەت قاراپ تۇرمايدۇ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كومپارتىيە ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.