مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىغا تولغان ھېيت

    ئامانگۈل2017-09-21 10:47:58شىنجاڭ گېزىتى

      تاھىرجان نىياز،  جۈمە روزى

     شايار ناھىيەسىنىڭ خادادۆڭ بازىرىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما، پاختىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە نېفىت ئىشچىلىرى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈپ، بۇ خىلۋەت ماكاننى ئىتتىپاقلىق تەنتەنىسىگە پۈركىدى.

     خادادۆڭ بازىرى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى توغراقزارلىق ئارىسىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان چەت بازار. بۇ بازار تەۋەلىكىدە ‹‹خادا›› نېفىتلىكى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر دېھقان – چارۋىچىلاردىن باشقا، يەر سېتىۋېلىپ ياكى ھۆددە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان خەنزۇ، خۇيزۇ تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، كېۋەز تېرىيدىغان ئىشلەمچىلەر، ھەر مىللەت نېفىت ئىشچىلىرى بىللە ئېجىل – ئىناق ياشايدۇ.

     1 – سېنتەبىر ئەتىگەن بۇ بازارنىڭ ئاتبېشى، خادادۆڭ، ئەركەشقوتان، ئوپقان كەنتى پارتىيە ياچېيكىلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترەتلىرى باش بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى خەنزۇ تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئىشلەمچىلەر، نېفىت ئىشچىلىرىنى كەنت پائالىيەت زالىغا تەكلىپ قىلىپ، قوي سويۇپ، پولۇ ئېتىپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەتتىن بولغان كەنت كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار، كەنت ساقچىلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئىشلەمچىلەر، نېفىت ئىشچىلىرى بىرلىكتە ھېيتلىق تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ھال – مۇڭ بولۇشۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بازارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.

     خادادۆڭ كەنتىدىكى توختى ھىمىت كەنت پائالىيەت زالىغا كىرىپ، بۇ يەردە پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان بارلىق مېھمانلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. مېھمانلار كەچتە توختى ھىمىتنىڭ كەڭ، ئازادە ئەمىن ئۆيىگە يىغىلدى. داستىخانغا گۆش، پولۇ ۋە ھەر خىل قورۇمىلار قويۇلدى.

     ئۆزۈم باققان 200 نەچچە ئۆچكىنىڭ ئىچىدىكى جاڭگالدا ئوتنىڭ ئۇچىنى يەپ سەمرىگەن سەكىنىڭ گۆشى، توخۇ قورۇمىسىمۇ مۇشۇ توغراقلىقتا بېقىلغان يەرلىك توخۇنىڭ گۆشى، چارۋىمىزنىڭ كۆپىيىشىمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بولغان. قېنى مېھمانلار تۈزۈت قىلماي، ئۆزۈڭلەرنىڭ ئۆيىدەك ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇڭلار، دېدى توختى ھېمىت مېھمانلارغا گۆش پارچىلاپ تۇتقۇزغاچ.

     مېھمانلارمۇ ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ، خۇددى تۇغقانلاردەك قىزغىن مۇڭدىشىپ، دوستلۇق كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشتى. بىردەمدىن كېيىن مېھمانلار ئارىسىدىكى سازەندىلەر دۇتار، تەمبۇرلىرىنى چالدى، ناخشا ھەۋەسكارلىرى ناخشا ئېيتتى، ئۇيغۇر مېھمانلار خەنزۇ، خۇيزۇ مېھمانلارنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئۆگەتتى. مۇشۇ كەنتتە يەر تېرىيدىغان خۇاڭ زىچىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن بەك خۇشال، مېنىڭ بۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلىپ بېيىشىم مۇشۇ كەنتتىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىدىن بولغان. ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق بىر تۇغقانلاردەك ئىناق، خۇشال – خۇرام ئۆتۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر قانچە كۈندىن كېيىن كەنتتىكى ئۇيغۇر دوستلارنى مەنمۇ تەكلىپ قىلىپ ھېيت ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

     ئوپقان كەنتىدىكى روزى گېلى، راھمان سېتى، لوقمان مەمەتنىيازلار ھېيتتا ئارام ئالماي ئىشلەۋاتقان بازار ئورگىنى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنتتىكى ھەر مىللەت ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرىنى شۇنداقلا جۇ خۇي، ياڭ دېمىڭ قاتارلىق تۆت تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ھېيتنى بىرلىكتە خۇشال تەبرىكلىدى.

     ئەركەشقوتان كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋۇ يىڭتيەننىڭ توغراق سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئازادە ھويلىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ مېھمانلار بىلەن تولۇپ، قىزىپ كەتتى. ئۇ بۇ كۈنى مۇشۇ كەنتتىكى كەنت كادىرلىرى، ساقچىلار، خەلق ئەسكەرلىرى، دېھقان دوستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە قوي سويۇپ، پولۇ ئېتىپ، كاۋاپ پىشۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەر قايسى كەنتلەردە بۇنداق ھېيتلىق ئىتتىپاقلىق زىياپىتى ھېيتلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە ھەركۈنى ئېلىپ بېرىلدى.

     4 – سېنتەبىر ئەتىگەن خادادۆڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆزگىچە ئەھمىيەتلىك بولدى.

     2016 – يىلى 3 – ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ بازاردا مەكتەپ، يەسلى يوق ئىدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بازارغا يىراقراق ئۈچ كەنتكە ئۆلچەملىك ئۈچ يەسلى سېلىپ بەرگەن ھەم بۇ يەسلىلەرگە 8 – ئاينىڭ ئاخىرى يەسلى يېشىغا توشقان بالىلار قوبۇل قىلىنغانىدى. بۇ يەسلىلەرنىڭ بىرسى خادادۆڭ كەنتىدە بولۇپ، كەنتتە يېڭى يەسلى سېلىنغانلىقىدىن خۇشال بولغان مۇشۇ كەنتتە يەر تېرىيدىغان 16 ئائىلىلىك خەنزۇ ۋە بىر قىسىم يەرلىك دېھقانلار بۇ كۈندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا كەنت يەسلىسىگە 1000 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولۇپ، جەمئىي 25 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، كەنت يەسلىسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە ‹‹كۆڭلى››نى ئىپادىلىدى.

     مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاغان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلاردا ھەم باشقا چاغلاردىمۇ ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى، خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆزئارا تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىپ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق رىشتىنى مۇستەھكەملەيدىغان، بىر – بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئىش – پائالىيەتلەر خادادۆڭ بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئادەتكە ئايلانغان. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان بۇنداق دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق پائالىيەتلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۇپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشۇپ، دوستلۇق رىشتىنى خۇددى تارىم توغراقلىرىنىڭ يىلتىزىدەك بىر – بىرىگە زىچ، مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، بۇ گۈزەل، چەت يۇرتنى ئىناقلىققا پۈركىمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.