مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    يۇرت مۇھەببىتىنى ئويغىتىدىغان جاي

    پەرغانە غوپۇر2017-09-16 15:37:06شىنجاڭ گېزىتى

    ياڭ شۇخۇا

        گۈزەل كەنت قۇرۇپ، يۇرت مۇھەببىتىنى ئويغىتىش

        سىرتتا ئىشلەۋاتقىنىغا ئۇزاق يىل بولغان ئايال خې چىڭ: مېنىڭ قەلبىمدىكى يۇرت مۇھەببىتى يۇرتۇم يۆلياڭدى كەنتىدىكى سۈپسۈزۈك بۇلاقلار، ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن چىقىۋاتقان سۇس يېشىل ئىسلار؛ ياغاچ – تاش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردىن ئەتىگەن – كەچتە ئاڭلىنىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازى؛ چاغاندا ‹‹ياڭگىر ئەترىتى››گە قوشۇلۇپ كەنتلەردە ئويۇن قويۇش... قاتارلىقلارغا سىڭىپ كەتكەن، دېدى ھاياجان بىلەن. يۆلياڭدى كەنتى خې چىڭنىڭ ‹‹غايىۋى يۇرتى›› بولۇپ، يۇرت نەدە بولسا، يۇرت مۇھەببىتىمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

        چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى جۇڭخۇا مىنگونىڭ بېشىدا بەرپا قىلىنغان يۆلياڭدى كەنتى ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر كەسىپلىرى، تەبىئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن كەنت، شۇنداقلا مورى ناھىيەسىدىكى خەنزۇلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۈز نەچچە يىل ئىلگىرىكى دەھلىزلىك ئۆيلەر ۋە ئۆرپ – ئادەتلەر ساقلانغان.

        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يۆلياڭدى كەنتىگە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ كەنتنى قوغداش – ئېچىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. شۇنداقلا كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە بىلەن كەنتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەنتنى داڭلىق مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇردى. ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى بايلىقىغا تولۇق تايىنىپ، رېمونت قىلىپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنى تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ ياخشىلاشقا يېتەكلىدى.

        كەنت ئاھالىسى يەن شياڭبىننىڭ دەھلىزلىك ئۆيىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆك كاھىشلىق، سېغىز توپا تاملىق، ياغاچ قاشالىق ئەسلىي ھالەتنى ساقلىغانىدى، ئۆينىڭ ئىچى زامانغا لايىق بولۇپ، تور، تۇرۇبا سۈيى، ئەۋرەز يولى، ئۆلچەملىك ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. شەرق – غەرب يۆنىلىشىدە سېلىنغان، ياغاچ – توپا قۇرۇلمىلىق بۇ ئۆينىڭ دەھلىز تۈۋرۈكلىرىدىكى ئەجدىھا – سۇمۇرغ سۈرەتلىك ئالىچىپار نەقىشلەرگە بۇ ئۆينىڭ قەدىميلىكى ۋە ئۆزگىرىشلىرى سىڭىپ كەتكەنىدى.

        كۆك خىش ياتقۇزۇلغان يول، قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان دەھلىزلىك ئۆي، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ‹‹يىل ھالقىسى›› ھەيكىلى...كۆز ئالدىمدىكى يېڭىلىق بىلەن قەدىمىي پۇراق بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ گۈزەل يۇرت دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى پەللىگە ئايلانغانىدى.

        ئۆرپ – ئادەت بايلىقىنى قېزىپ، ‹‹غايىۋى يۇرت›› قۇرۇپ چىقىش

        ‹‹كەنتىمىزنىڭ كونا سەھنىسىدە يەنە ئويۇن قويۇلۇشقا باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، قىزىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم، يۇرت مۇھەببىتىنى ئۇنتۇش تەس. بۇ كونا نەرسىلەرنى كۆرۈپ، كىچىك چاغلىرىمنى، ئاشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئەسلىدىم...›› دېدى لى چېڭخۇي. ئۇ يازلىق تەتىلدە قىزىنى ئېلىپ يۆلياڭدى كەنتىگە كەلگەن بولۇپ، خامان، تۈگمەنلەرنى كۆرگەچ قىزىغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

        يۆلياڭدى كەنتىدە كەنت تارىخى ئۆيى ئېچىلغاندىن بۇيان، بۇ جاي كىشىلەرنىڭ يۇرت مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەڭ ياخشى جايغا ئايلاندى. كەنت تارىخىي ئۆيىگە كەنت ئاھالىلىرى ئىئانە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئۆرپ – ئادەت ئەستىلىكلىرى، كىيىم – كېچەك، ئوزۇق – تۈلۈك، تۇرالغۇ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى قاتارلىق 400 دىن كۆپ كونا بۇيۇم قويۇلغانىدى.

        يۆلياڭدى كەنتى مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق غەربىي شىمال مەدەنىيىتىگە ئىگە قەدىمىي كەنت ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ساياھەت داڭقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ھازىر ھېيت – بايرام كۈنلىرى كەنتتىكى سەھرا ئارامگاھلىرى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ كەنتنىڭ قەدىملىكىدىن زوقلىنىپ، ‹‹غايىۋى يۇرت›› ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

        خەلقنى بېيىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇرت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

        ‹‹يېقىندا 21 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، ئۇلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەيلە – ساياھەتكە چىققانلار ئىكەن، بۇ يەرگە سەھرا تامىقى يېيىشكە، توخۇ، تۇخۇم سېتىۋېلىشقا كەپتۇ››، دېدى يۆلياڭدى كەنتىدىكى 45 ياشلىق جاڭ ھەدە.

        ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۆلياڭدى كەنتىدىكى ئىككى كومىتېت باشلامچى بولۇپ ساياھەت تەرەققىيات شىركىتى قۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىر تۇتاش ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ھازىر كەنتتىكى 3600 مو يەرنىڭ ھەممىسى ئوبوروت قىلىنغان بولۇپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى مەركەزلىك يولغا قويۇلۇپتۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى يەردىن ئازاد بولغان كەنت ئاھالىسىنى ئۆرپ – ئادەت دېڭى ئېچىش، خاس يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى قىلىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىپتۇ، كەنت ئاھالىسىنى ساياھەت شىركىتى ۋە مۇھىت تازىلىقى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپتۇ.

        بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شۇچىن ئانىنىڭ ئاچچىقسۇ ئېچىتىۋاتقىنىغا 49 يىل بوپتۇ. ۋاڭ شۇچىن ئانا كەنتتىكىلەرنىڭ ئاچچىقسۇ ئېچىتىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ: ئېسىمنى بىلسەم، ئائىلىمىز ئاچچىقسۇ ئېچىتىپ، يۇرتداشلارنى تەمىنلەيدىكەنتۇق. كېيىن بازارنى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاچچىقسۇ ئىگىلەپ، ئۆيىمىزدە ئېچىتقان ئاچچىقسۇ ئىستېمالدىن قالغانىدى. ھازىر يۆلياڭدى كەنتىدە ئۆيدە ئېچىتقان ئاچچىقسۇ يەنە بازار تېپىشقا باشلىدى، دېدى. كەنت ئاھالىسى يەن شياڭفۇ: ئۆيدە ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ، زىغىر مېيى قاتارلىقلارنى كەنتىمىزدىن ھازىرمۇ تاپقىلى بولىدۇ، دېدى.

        كەنت كوچىسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىگە ‹‹xx ئائىلىسىنىڭ توخۇسى››، ‹‹xx ئائىلىسىنىڭ چۆپى›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان بولۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنغان تائاملار چىقىرىلىدۇ. بۇ يىل ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن دىققىتىنى تارتقان يۆلياڭدى كەنتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹‹يېزا – كەنت ئاشپەزلىك ھۈنىرى مۇسابىقىسى››دە كەنت ئاھالە كومىتېتى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدىن توققۇز ئاشپەزنى تاللاپ، ساياھەتچىلەرگە ‹‹سەككىز چوڭ چىنە›› تائاملىرىنى تەييارلاتقۇزدى، 81 ساياھەتچى باھالىغۇچى بولدى، ئۇلار ياپما، توخۇ قوردىقى، بېلىق قورۇمىسى، پىنتوزىلىق ھور گۆش، دۈملەپ پىشۇرۇلغان كۆك پۇرچاق، تاتلىق بەرەڭگى، بەرەڭگى كومىلىچى قاتارلىق يۆلياڭدى كەنتىنىڭ داڭلىق، خاس تائاملىرىنى نەق مەيداندا تېتىپ، نەق مەيداندا نومۇر قويۇپ، يەرلىك قورۇما شاھى، داڭلىق يېزا – كەنت يەرلىك قورۇمىسىنى باھالاپ چىقتى؛ قىشتا يۈزلىگەن ساياھەتچى يەنە بۇ يەردە ئوخشىغان چوڭ قازان تۈگرىسى يېيەلەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىنتوزا پىشۇرۇشىنى نەق مەيداندا كۆرەلەيدۇ، ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ...

        ‹‹سەھرا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى بېيىتىپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى داۋاملىق قوغداپ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى مەڭگۈ ساقلايمىز››. بۇ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان نىشان، شۇنداقلا يۆلياڭدى كەنتى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقان كارتىنا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.