مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    سەپەردە يەتكۈزۈلگەن قېرىنداشلىق مېھرى

    پەرغانە غوپۇر2017-09-16 15:29:08شىنجاڭ گېزىتى

     تۇرغۇن ئىبراھىم، ئابلىمىت ئەبەيدۇللا

        قۇتقۇزۇڭلار!، قۇتقۇزۇڭلار...!

        قۇربان نىياز ئاۋاز چىققان كۆل تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى ۋە كۆلدە بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ تۇرغان ئىككى ئايالغا قاراپ ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. تاغ ئارىسىدىكى بۇ كۆلىنىڭ سۈيى خېلىلا سوغۇق ھەم چوڭقۇر بولۇپ، قۇربان نىياز ئالدى بىلەن ئۆزىگە يېقىن جايدىكى 40 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايالنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. ئۇ خېلىلا ھالسىرىغان بولسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپ بېرىپ يەنە بىر قىزنىمۇ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى. بۇ چاغدا قۇربان نىياز خېلىلا ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنىدى، تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا توكسىكلىتتىن يىقىلىپ چۈشكەندە يارىلىنىپ تىكىلگەن پۇتىنىڭ مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىۋاتاتتى.

        بارىكاللا! ھەقىقەتەن باتۇر يىگىت ئىكەن، ئەگەر بۇ يىگىت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا شۇنچە چوڭقۇرلۇقتىكى بۇ كۆلدە...

        ئەتراپتىن يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇنداق دېيىشكىنىچە قۇربان نىيازغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. قۇربان نىياز خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى كىملىك، بانكا كارتىسى، بىر مۇنچە نەق پۇل سۈزمە بولۇپ كەتكەنىدى.

        رەھمەت ئاكا، سىزگە كۆپ رەھمەت، سىز ئائىلىمىزنىڭ شاپائەتچىسى، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز ئاچام بىلەن قىزى...

        ئاسماندىن چۈشكەندەكلا قۇربان نىيازنىڭ يېنىدا پەيدا بولغان 30 نەچچە ياشلاردىكى بىر يىگىت ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە كۆزىگە ياش ئالدى. بىر – بىرىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلىشىۋاتقان ئانا – بالىمۇ كۆز يېشىنى توختىتىۋالالماي قۇربان نىيازغا قاراپ ئۈزۈلدۈرمەي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

        ئىسمىم ساۋ لىنچېڭ، دېدى يىگىت قۇربان نىيازنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەي، ئاچام ۋە جىيەنىم ئۈچىمىز شىخەنزىدىن ساياھەت قىلغاچ قەشقەرگە ماڭغان ئىدۇق، مەن ئاۋۇ تەرەپتىكى مەنزىرىنى كۆرىمەن، دەپ كېتىپ قاپتىمەن. ھېلىمۇ ياخشى سىز ۋاقتىدا كېلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋاپسىز، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز... يىگىت شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن پۇل ئېلىۋىدى، قۇربان نىياز: بۇنداق قىلسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن، بىز سەپەردە ئۇچراشقان قېرىنداشلار، شۇڭا ئۆز ئارا كۆيۈنىشىمىز، بىر – بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ھەرگىز پۇل – مالنى شەرت قىلمايدۇ. بۇ مېنىڭ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولغان بولسىڭىزمۇ شۇنداق قىلاتتىڭىز... دېگىنىچە كېتىپ قالدى.

        بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن قۇربان نىياز كۇچا ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كۇچا – مايتاغ تاش يولى 217 – لىنىيە بويىدىكى چورمادىكى تونېلدىن ئۆتۈپ داۋاندىن چۈشكەندىن كېيىنكى تەبىئىي شەكىللەنگەن كۆل بويىدا ساياھەت قىلىۋاتاتتى. سائەت 40:13 مىنۇت ئۆتكەندە ‹‹قۇتقۇزۇڭلار!›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قۇربان نىياز ھېچنىمىگە قارىماي كۆل بويىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ كىيىملىرىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئانا – بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى. كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن بۇ ئانا – بالا ئەسلىدە كۆل بويىدىكى ئېگىز قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كۆلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ سۇغا تەڭلا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

        قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ كۆلگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى يېقىنلا يەردە كۆردۇم ھەم ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا دەرھال كۆل بويىغا بېرىپ سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، يەنە كېلىپ دۆلەت كادىرى، شۇڭا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىم كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوغداپ، پارتىيە ئەزاسىغا خاس بۇرچۇمنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.