مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش

    ئامانگۈل2017-09-14 18:07:14شىنجاڭ گېزىتى

    يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى  ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم

    مۇخبىرىمىز جۇ مىڭجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېڭ چيۇڭ

     يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىپ، كېسەل كۆرۈش رايونى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، خەلقنى قولاي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش، كېسەل كۆرۈش – داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

     ئاغرىقلارنىڭ ‹‹يېشىل يولى››

     8 –ئاينىڭ 31 –كۈنى سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان يۈسۈپ ۋارىس ‹‹يېشىل يول›› ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يەتكۈزۈلدى. بۇ جايدا ئۇ دەل ۋاقتىدا داۋالىنىپ، دوختۇر – سىستېرالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلدى.

     ئاغرىق ‹‹يېشىل يول›› ئارقىلىق دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەنلا، دوختۇرلار كۆكرەك ئاغرىقى كېسەللىرى مەركىزى بىلەن ماسلىشىپ كارىۋات ۋە دورا تەييارلىدى ھەم باشقا ئالاقىدار تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىدى. دوختۇر – سىستېرالارنىڭ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە ئۇنىڭ يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما ۋە يۈرەك مۇسكۇل ئېنزىمى تەكشۈرۈلۈپ، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس لىفىت ئارقىلىق كۆكرەك ئاغرىقى كېسەللىرى مەركىزىنىڭ كۆزىتىش ئۆيىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك داۋالاشنى قوبۇل قىلدى.

     يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ لى جىمىڭ بىزگە مۇنداق دېدى: جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئىنتايىن جىددىي ھەم خەتەرلىك، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى كېسەل. بۇ كېسەل قوزغالغاندا، ئۇنى 90 مىنۇت ئىچىدە داۋالاش كېرەك. شۇڭا دوختۇرخانىدىكى كۆرۈنەرلىك جايلارغا كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىپ، ئاغرىقلارنى ‹‹يېشىل يول›› ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا داۋالىنىش – قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردۇق.

     بىز يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ‹‹يېشىل يول›› كۆرسەتمە بەلگىسى چاپلانغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يول ئېچىلغاندىن بۇيان، 166 ئاغرىق ‹‹يېشىل يول›› ئارقىلىق دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈپ ھەم قۇتقۇزۇلۇپ، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %98كە، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرىنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس بۆلۈمنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلغان.

     يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولاي مۇلازىمەت

     يۈسۈپ ۋارىسنىڭ خوتۇنى كېسەلخانىدا بىزگە مۇنداق دېدى: ئېرىمنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، ئائىلىمىزدىكىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ، يېتەرلىك پۇل ئېلىۋالمايلا يولغا چىقتۇق. دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلار دەل ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللاندى. بۈگۈن ھەق تاپشۇرغىلى كەلدىم، دوختۇرخانا 1000 يۈەن كاپالەت پۇلىلا ئالدى، بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

     يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈەنچۈەن بىزگە مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىمىز ئالدىن تاپشۇرغان ھەقنى چىقىم قىلىش جەھەتتە، بارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – يېزىلاردىكى نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمىغا قارىتا، 1000 يۈەننى ئالدىن ئېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە ئالدىن تاپشۇرغان ھەقنىڭ 2.5 – 3 ھەسسىسى بويىچە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى چىقىم قىلىشنى يولغا قويدى.

     ئىگىلىشىمىزچە، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئاغرىقلارنىڭ ئۆچرەت ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. كېسەلخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ئالاقىدار كېسەلخانىدىن چىقىش، ئاتچوت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى كۆزنەككە بېرىپ بېجىرىشتىن بۇرۇن، كۆزنەكتىكى مالىيە خادىملىرى ئاغرىقلارنىڭ كېسەلخانىغا كىرگەندە تەمىنلىگەن ئۈنۈملۈك ماتېرىياللىرى، بۆلۈم يوللىغان دوختۇرخانىدىن چىقىش كېسەل تارىخى ۋە ھەق ئېلىش سىستېمىسىدىكى ھەقنى سېلىشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ بارلىق راسچوت، ئاتچوت كەسپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى بېجىرىدىكەن ھەم ئاتچوت قىلىش ئىسپاتلىرىنى بېسىپ بېرىدىكەن. تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ياكى ئاغرىقلارنىڭ كېلىپ ئىمزا قويۇشىنى ساقلاش، ئاتچوت، راسچوت ھەققىنى ئېلىشىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دوختۇرخانا يەنە ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرگە ‹‹يېشىل يول›› ئېچىپ، كۆزنەكلەرنىڭ بارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە پۈتۈن مۇساپىلىك ماسلىشىدىكەن.

     يېڭى تېخنىكا داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى

     يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 2016 – يىلى يىراقتىن سۈرەتلىك دىياگنوز قويۇش سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزى، يىراقتىن يۈرەك ئېلېكتىرو تور دىياگنوزى مەركىزى، يىراقتىن كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى قۇرغان. ھازىر يەكەن ناھىيەسىدىكى 14 يېزا – بازارلىق شىپاخانا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ‹‹كاڭنىڭ›› دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلاشتى، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىققا يىراقتىن سۈرەتلىك دىياگنوز قويدى، 13 مىڭ 512 ئاغرىققا يىراقتىن يۈرەك ئېلېكتىرو دىياگنوزى قويدى. يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ دىياگنوز قويغۇچى ۋىراچلىرى جىددىي كەمچىل بولۇش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئارىلىقى يىراق، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى.

     دوختۇرخانا بۇ يىل 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالاھىدە بىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى، بۇ ئۇيغۇر موماي كۆكرەك ئومۇرتقىسى يۇلۇنى بېسىلىش سەۋەبلىك 12 يىل ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىنغان، يۇلۇن بېسىلغان ئورۇن ئالاھىدە بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا شارائىتىدا ئۇنىڭ كېىسىلىنى تەلتۆكۈس ساقايتىشقا ئامال بولمىغان. كېيىن ئۇ نۇرغۇن جايغا بېرىپ داۋالانغان، ئومۇرتقىنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن قورقۇپ داۋالاتمىغاچقا، كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان.

     ئاغرىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىرى 1 – بۆلۈمى گۇاڭجۇنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئاغرىققا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى مۇتەخەسسىسى، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ سىستېمىلىق تەكشۈرۈش پىلانىنى مەخسۇس بېكىتكەن. يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش جەريانىدا، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ئاغرىقنىڭ غەم – ئەندىشىسى ۋە تەلىپىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشنى قارار قىلغان.

     ۋۇ يۈەنچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىنى ھازىر ئېلىمىزدىكى ئونغا يېقىن مۇتەخەسسىس قوللىنالايدۇ، شىنجاڭدا ئىلگىرى بۇ تېخنىكا قوللىنىلمىغان. دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلدى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تەسۋىر ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈشتىن ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى پىلاننىڭ قانائەتلىنەرلىك ئورۇندالغانلىقى مەلۇم بولدى، ئاغرىقنىڭ يۇلۇن بېسىلىشى يوقالدى، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئاغرىق كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى. ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇنداق داۋالاش ئۈنۈمىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ، دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن لەۋھە تەقدىم قىلىپ، دوختۇر جياڭ شياۋبىڭ ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.

     مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى

     يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىپ، ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كېسەل كۆرۈش رايونى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىللىق داۋالاش مۇھىتى ياراتتى ھەم كېسەل كۆرۈش – داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوخشاشمىغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئېلىمىزنىڭ داۋالاش سىستېمىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ‹‹داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ھەرىكىتى پىلانى›› پائالىيىتىدە، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىلگىرىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، خەلققە قولايلىق يارىتىش ۋە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ياخشىلاشنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولاي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى ‹‹2016 – يىللىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشتىكى ئۈلگىلىك دوختۇرخانا›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئۈچ دوختۇرخانىلا بۇ شەرەپكە نائىل بولدى.

     ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى كېسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەڭ ئاز پۇل خەجلەپ داۋالىتىشنى ئويلايدۇ. ئاغرىقلارنىڭ ئۈمىدى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى ۋە نىشانىدۇر. ‹‹ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش›› داۋالاش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە تېببىي ئەخلاق. يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ‹‹ھەممىدە ئاغرىقلارنى كۆزدە تۇتۇش››نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.