مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئايروپورت سول لىنىيەسىگىچە بولغان تونېل تۇتاشتۇرۇلدى

    بۇئايشەم2017-09-14 13:07:01تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسىدىن خەلقئارا ئايروپورت سول لىنىيەسىگىچە بولغان تونېل (12.2 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا) يېقىندا تۇتاشتۇرۇلدى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى قىسقا رېلىسلىق تۆمۈر يول ياتقۇزۇش پىلانلاندى.

     ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بېكىتىدىن خەلقئارا ئايروپورت بېكىتىگىچە بولغان لىنىيەگە بۇلتۇر رېلىس ياتقۇزۇلغان. ھازىرغىچە، %90 رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملانغان.  مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە مۇشۇ يىل ئىچىدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ، مېترو 12 بېكەت ئارا قاتنايدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16.8 كىلومېتىر ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.