مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

    ئامانگۈل2017-09-14 10:51:18شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9–ئاينىڭ 11–كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ يېقىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13–بەش يىللىق يىرىك پىلانى>››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020–يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ‹‹يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى›› يادرولۇق رايونى مائارىپ مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يىرىك پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2020–يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇقىملىق نىسبىتى %95كە يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە پەن، كەسىپلەر يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مائارىپتا ئوقۇش ئومۇمىي نىسبىتى %40كە يەتكۈزۈلىدۇ.

     ئۈچ يىلدىن كېيىن، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەيدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ؛ ئۈچ تۈرلۈك مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 11 يىلغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش يىل چېكى 13 يىلغا يەتكۈزۈلىدۇ.

     پىلاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، نامراتلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر–يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.