مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى ھەسسەنال بىلەن سۆھبەتلەشتى

    ئامانگۈل2017-09-14 10:51:17شىنجاڭ گېزىتى

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو–بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 13–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 13–كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا بىرۇنېي سۇلتانى ھەسسەنال بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو–بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست ۋە ھەمراھ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى 25 يىللىقىنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر–بىرىگە باغلايدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىرۇنېي بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىچكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر–بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا بىر–بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىرۇنېينىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىرۇنېي بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجراسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە، ساياھەت، تاراتقۇ، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ب د ت، ئاسىيا–تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىرۇنېينىڭ جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ھەمدەم بولۇشنى خالايدۇ. ھازىر نەنخەي دېڭىزى ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىپ، پائال تەرەققىي قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىرۇنېي ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە نەنخەي دېڭىزىنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى ۋە ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

     ھەسسەنال مۇنداق دېدى: بىرۇنېي جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلايدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ چوقۇم روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىرۇنېي بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى. بىرۇنېي بىر جۇڭگو سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. بىرۇنېي ‹‹2035–يىل ئۇلۇغۋار ئارزۇسى››نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇ مۇساپىگە قاتنىشىپ، بىرۇنېيگە پائال مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرۇنېي دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بىرۇنېي داۋاملىق جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

     سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.

     سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ھەسسەنالنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيارۈي قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.