مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 26 –تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى

    ئامانگۈل2017-09-14 10:51:17شىنجاڭ گېزىتى

     ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 13–كۈنىگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 26–تۈركۈمدىكى 69 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەممىسى بېجىرىلگەن.

     رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 26–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 69 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 28 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇز پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەتتە پارچە، قاراماي شەھىرىنىڭ ئالتە پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بەش پارچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۈچ پارچە، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىككى پارچىدىن، تۇرپان شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر پارچىدىن بولغان؛ بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئىككى پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بىرلىكتە بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 25 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 17 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 14 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى يەتتە پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى تۆت پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە ۋە باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى بىر پارچە بولغان.

     ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 26 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1722 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1717 پارچىسى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1549 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 168 پارچە بولغان. ئەرزىيەت خەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش جەريانىدا 1265 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 409 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 32 مىليون 993 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 20 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، ئۈچ كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 141 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 816 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.