مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن شېنجېن–بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى–موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئايرىم–ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

    ئامانگۈل2017-09-14 10:51:16شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 9–ئاينىڭ 13–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 13–كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن شېنجېن–بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى–موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئايرىم–ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

     شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىكتە شېنجېن–بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى–موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشى مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، بۇ مۇھىم ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، شېنجېن–بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى–موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     پۇتىن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ ھەمكارلىقى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى يىلسېرى كېڭىيىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باردى–كەلدى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەم ئېلىپ داۋالىنىش لاگېرىدا ئۆزئارا دەم ئېلىشى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئاساسىدا قۇرۇلغان رۇسىيە–جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار رۇسىيە بىلەن جۇڭگودىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.