مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    ئافغانىستانلىق تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلار شىنجاڭدا ئوپېراتسىيەسىنى تۈگىتىپ، دۆلىتىگە ئامان-ئېسەن قايتتى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-09-14 10:54:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
      تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: (ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى، فوتوسى) 13-سېنتەبىر، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا تۇغما يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلغان ئافغانىستانلىق كىچىك بىمارلار مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى ئۆزلىرىگە ئىزچىل غەمخورلۇق قىلغان تېببىي خادىملارنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، دۆلىتىگە قاراپ يول ئالدى.

      بۇ نۆۋەت دۆلىتىگە قايتىدىغان ئافغانىستانلىق كىچىك بىمار جەمئىي 12 نەپەر، ئۇلارغا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ، 13-سېنتەبىر ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇلار جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «يىپەك يولى» مېھرىبانلىق فوندى «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى» بويىچە شىنجاڭغا داۋالانغىلى كەلگەن.

      ئافغانىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىدىن 7000ى بار ئىكەن. «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى»دا، بىرىنچى باسقۇچتا نۆل ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان 100 بالا داۋالاپ قۇتقۇزىلىدىكەن. 26-ئاۋغۇست، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تۈر خادىملىرى بىرلىكتە داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى خان جەمەتى دوختۇرخانىسىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان. 30-سېنتەبىر، داۋالاش ئۆمىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 بالىنى ئۈرۈمچىگە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ھەقسىز ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.

       بالىلار كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، دوختۇرخانا بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۈچ بالا ئوپېراتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىگەن، بىر بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان، يەنە بىر بالىغا نىسىبەتەن ئاددىي بولغان ئوپېراتسىيە ــ ۋاسىتىلىك توسۇش تېخنىكىسى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ بەش بالا بىر ھەپتىدىن كېيىن دۆلىتىگە ئامان-ئېسەن قايتقان، باشقا بالىلار 4-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىنغان. كېيىنكى چارشەنبە، ئەڭ ئاخىرقى تۆت بالىمۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن.

       بالىلار دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا دوختۇرلار ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش بويىچە داۋالىنىشىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ئىككى نۇسخىدا يېزىلغان چۈشەندۈرۈشنى تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىمۇ ھەر بىر بالىغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، تەنتەربىيە سايمانلىرى سېلىنغان «ئېنېرگىيە سومكىسى» سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ساغلام چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

     
       مۇناسىۋەتلىك خەۋەر:
     
    تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئافغانىستانلىق 17 بالا ئۈرۈمچىدە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى

    تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئافغانىستانلىق 21 بالا شىنجاڭدا ھەقسىز داۋالىنىدۇ

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.