مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شى جىنپىڭ ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22–نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

    ئامانگۈل2017-09-14 10:51:19شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 9–ئاينىڭ 13–كۈنى تېلېگراممىسى. ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22–نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 9–ئاينىڭ 13–كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساياھەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ بىر–بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشىدىكى مۇھىم يول، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشقان ئۇنىۋېرسال تۆھپىسى %10تىن ئاشتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگودىكى 700 مىليون ئادەم (قېتىم) چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت، گۈزەل تاغ–دەريا، كۆپ خىل ئۆرپ–ئادەتكە ئىگە، ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، ساياھەت قىلغاچ ئارام ئېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ساياھەت ئالاقە–ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينىماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، دۇنياۋى ساياھەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.