مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    خېجىڭدا «ئاسمان كۆك بولۇش، زېمىن يېشىل بولۇش، سۇ سۈزۈك بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

    مەۋلۇدە2017-09-14 09:40:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    خېجىڭ ناھىيە بازىرىدىن كۆرۈنۈش

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭنىڭ «يېشىل يايلاق»، «تۇلپارلار جەننىتى»، «ئاققۇلار ماكانى» ۋە «شەرققە قايتقانلار يۇرتى» دېگەندەك چىرايلىق ناملىرى بار بولۇپ، بۇ ناھىيە گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، مول تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

       خېجىڭ ناھىيەسى 2013-يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ، 180 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ناھىيەنىڭ شىمالىدىكى سايلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 4 مىليون 380 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپ، 30 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە كۆكەرتىش بەلبېغى بەرپا قىلدى. ھازىر ناھىيە بازىرىدا كۆكەرتىلگەن كۆلەم 5 مىليون 597 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يېشىللىق نىسبىتى %41.06 گە يەتتى.

    خەلق باغچىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.