مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    دېھقان تەشۋىقاتچىنىڭ ئارمانسىز ھاياتى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:27:05شىنجاڭ گېزىتى

     پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بەك كۆپ، ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى، يەر تېرىساڭلار بېرىدىغان تولۇقلىمىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ، كۆپچىلىك شۇنداققۇ...

     8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى موللازادە كەنتىدىكى دېھقان ئوبۇلقاسىم مەمتىلىنىڭ ھويلىسىدىن دېھقانلارنىڭ كۈلكە ساداسى ياڭراۋاتاتتى. ئەسلىدە بۇ كەنتتىكى دېھقان تەشۋىقاتچى، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 2017 – يىللىق مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى تۇتىگۈل ياسىن ئۆزىنى ئورىۋالغان كەنت ئاھالىلىرىگە ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› دېگەن تېمىدىكى ئۆزى يازغان قوشاقنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى.

     بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن تۇتىگۈل ياسىن يۇقارقى موللازادە كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇ ھايات مۇساپىسىدە يۇرتىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىدىغان سىياسەتلىرى بىز دېھقانلارنى كەڭ، يورۇق، ئازادە ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى، تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدۇق. ئۆيدىن چىقساقلا تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالت يولدا ماڭىمىز. ھازىر يېزىدىكىلەرمۇ شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

     كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل داۋۇت مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم تۇتىگۈلنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرگەن تەشۋىقاتىنى ئاڭلىغىنىمدا ئىنتايىن ھاياجانلىنىمەن، زاغرا تىلدا سۆزلىگەچكە ئاسانلا چۈشىنىۋالالايمىز. بۇ خىل تەشۋىقات شەكلى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. تۇتىگۈل كىچىكىدىن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ، قوشاق توقۇشقا ئىشتىياقى بار ئىدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا قوشاق يېزىپ ئاممىغا يەتكۈزدى. بىز ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاڭلاشقا تولىمۇ ھېرىسمەن. شۇڭا ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ قوشاق ئاڭلايمىز.

     تۇتىگۈل مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە چاقىرىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ياخشى سىياسەت، تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش بىزنى كۈتمەكتە! تەشۋىقات ئەترىتى، ئويۇن قويۇش ئەترىتى، ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى يۇرتۇمدىكى ھەممە كىشىگە سۆزلەپ بېرىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم.

     كەنتتىكى ئاياللارنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنىڭ تار بولۇشىغا قارىتا، تۇتىگۈل نەزەرباغ بازىرىنىڭ 15 كەنتىدە پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، 1000غا يېقىن ئائىلە ئايالىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ، بازارغا يېقىن قەشقەر – شېنجېن كەسىپ رايونى، ئوتتۇرا – جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونىدا ئىشچى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. تۇتىگۈل پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزدە كۈندۈزدە ياشانغانلار ۋە بالىلارلا قالىدۇ، كوچىدا لاغايلاپ يۈرگەن بىرمۇ ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.