مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 31–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:14:17شىنجاڭ گېزىتى

      ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 10–كۈنى سائەت 22گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزغا 31–تۈركۈمدە 102 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 86 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 14 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئىككى پارچە ئىكەن.

     9–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت نۆلگىچە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 88 پارچە ئەرزىيەت خېتى تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

     رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 88 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 36 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %40.9ىنى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 14 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %15.9ىنى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى سەككىز پارچىدىن بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %9.1ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى بەش پارچە، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە قومۇل شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى ئۈچ پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى بىر پارچىدىن ئىكەن. بۇ تۈركۈمدىكى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىككى پارچە ئەرزىيەت خېتى قومۇل شەھىرى بىلەن بىڭتۈەن 13–شىسىنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە چېتىلىدىغان ‹‹نوم بازىرىدا ئىككى سانائەت رايونى (يەرلىكنىڭ بىر، بىڭتۈەننىڭ بىر) كەچ سائەت 11دە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان گاز چىقىرىدۇ›› دېگەن مەسىلە ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت خېتى ھەم تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۈەن 7–شىسىنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە چېتىلىدىغان ‹‹قاراماي <تويۈەن> چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ <خۇڭفا> خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ساقلانغان خەتەرلىك كېرەكسىز بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى بىلەن يىغىۋېلىش مىقدارى ماس كەلمەيدۇ، خەتەرلىك كېرەكسىز بۇيۇملارنى ساقلاش مۇددىتى قەرەلدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشقا دۇچ كەلگەندە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ نازارەتچىلىككە تاقابىل تۇرىدۇ›› دېگەن مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت خېتىدىن ئىبارەت ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %23.6، %19.1، % 16.4ىنى ئىگىلىگەن؛ قاتتىق تاشلاندۇق، بۇس، سۇ، ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈردىكى بۇلغىما مەسىلىسى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %14.5، %9.1، %7.3، %6.4 ۋە %3.6ىنى ئىگىلىگەن.

     مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 10–كۈنى سائەت 22گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 31 تۈركۈمدە جەمئىي 2632 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 2097 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 511 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 24 پارچە ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.