مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى ئەندىزىنى ياراتتى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:13:33شىنجاڭ گېزىتى

    كىچىكىدە باقىدىغان، ياشانغاندا تايىنىدىغان ئادەم بولۇش

      لى لىن، ما ئەننى خەۋەر قىلىدۇ: بىز 8–ئاينىڭ 25–كۈنى يەكەن ناھىيەسى چارباغ يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كىرگىنىمىزدە، ساناتورىيەنىڭ ئىچىنىڭ ئازادە ۋە يورۇق ئىكەنلىكىنى، يوتقان–كۆرپىلەرنىڭ رەتلىك يىغىلغانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇڭدىشىپ قارتا ئويناۋاتقانلىقىنى، چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق.

     ئىگىلىشىمىزچە، يەكەن ناھىيەسى بۇ يىل 320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلار مەركەزلىك بېقىلىدىغان مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، ئاشخانا، مۇنچا، كىر يۇيۇش ئۆيى، كۇتۇپخانا، پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسلىھەلەرنى تولۇق سەپلىگەن ھەم بۇ ئارقىلىق ئادەمنى ئاساس قىلغان لايىھەلەش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان. نۇرمەمەت ئىمىن بوۋاي مۇنداق دېدى: قارىغۇچىلار بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، يوتقان–كۆرپىلىرىمىزنى يىغىشىپ بېرىدۇ، يەنە تىرناقلىرىمىزنى ئېلىپ قويىدۇ، بۇ يەردە كۈتۈنۈش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئىكەن.

     نۇرمەمەت ئىمىن بوۋاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا يېزىدىكى بىر نەچچە ئىگە–چاقىسىز ياشانغانلار بىلەن چارباغ يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشقانىدى. ئۇ ساناتورىيەدە تۈرلۈك مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاساسىي تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بۇ ‹‹يېڭى ئۆي››گە مېھرى چۈشۈپ قالدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2017–يىلىنىڭ بېشىدا ‹‹<بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئوتتۇرىغا قويغان. پىكىردىكى تەلەپ بويىچە، 2020–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ‹‹مەركەزلىك بېقىلىش ئارزۇسى بار <بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %100كە، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈش››تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەندىزىسى(‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

     نۇرمەمەت ئىمىن بوۋاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› تۈزۈمىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشنى نىشان–ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يانداش مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ تۇتتى، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك لاتارىيە جامائەت فوندىدىن 86 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، جايلارنىڭ ياشانغانلار، يېتىم بالىلارنى بېقىش ئاپپاراتلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇشىنى قوللاشقا ئىشلەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ياشانغانلار، يېتىم بالىلارنى بېقىش ئاپپاراتىدىن 358ىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى تىزىملىنىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 80 ئورۇن كۆپەيدى؛ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىلگەن قارىغۇچى، ئارقا سەپ خىزمەتچىسى 6348گە يېتىپ، قارىغۇچىلار خىزمەت ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەندى، قارىغۇچى، ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش ئۆلچىمى ئايرىم–ئايرىم ھالدا يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ۋە يەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى بېكىتىلدى؛ ئاپتونوم رايون ھەر بىر ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ئوبيېكتىنىڭ بىر ئايلىق مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى 520 يۈەن، ھەر بىر يېتىم بالىنىڭ بىر ئايلىق مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى 900 يۈەن قىلىپ بېكىتتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيە، شەھەر بېقىشقا كېرەكلىك خىراجەتنى ھۆكۈمەت خامچوتى كاپالىتىگە كىرگۈزدى؛ ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلىدىغان ئوبيېكتىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 300 يۈەن كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

     ئىگىلىشىمىزچە، ئاپتونوم رايون ‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› خىزمىتىنى ئىككى قەدەم بويىچە ئىلگىرى سۈرىدىكەن: بىرىنچى قەدەمدە، بىر يىلدا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك بېقىش ئاپپاراتلىرىدىكى ھازىرقى بوش كارىۋاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى %100كە يەتكۈزىدىكەن؛ ئىككىنچى قەدەمدە، 2020–يىلىغا بارغاندا، بېقىلىش ئارزۇسى بار ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ياشانغانلار، يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش خىزمىتى نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

     نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹ئىككىنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئاپپاراتلىرىدا 37 مىڭ 600 كارىۋات بولۇپ، 18 مىڭ كىشى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 57 مىڭ 500 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بېقىلماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن خەيسېن مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرىغىچە، 30 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ياشانغانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نىسبىتىنى %60تىن ئاشۇرىمىز؛ بارلىق يېتىم بالىلارنى بېقىش ئاپپاراتلىرىدا مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.