مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئوتتۇرىغا قويدى

    ئامانگۈل2017-09-13 12:16:10شىنجاڭ گېزىتى

     20 تارماق، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىدىن 189نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

      ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن 9–ئاينىڭ 11–كۈنى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.جايلار، تارماقلار مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تونۇشتا يۈكسەك بىرلىككە كېلىپ، ھەرىكەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، تۈزۈمنى مەنبەدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ‹‹يۇقىرى بېسىملىق سىمى››نى پۇختا تارتىشى، چىڭىتىشى كېرەك.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئۆز فۇنكسىيەسى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. ‹‹كىم مەسئۇل بولسا، شۇ جاۋابكار بولۇش››، ‹‹كىم تەدبىر بەلگىلىسە، شۇ جاۋابكار بولۇش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ‹‹پارتكوم، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››، ‹‹تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش››، ‹‹تەرەققىياتنى، ساھەنى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى باشقۇرۇشتا جەزمەن مۇھىت ئاسراشنىمۇ تەڭ باشقۇرۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەن ساھە خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك، مۇرەككەپ ۋە يىغىلىپ قالغان، ئورتاقلىققا ئىگە گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىشى؛ ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، مۇھىت ئاسراش، مۇھىتنى تۈزەش، مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىشى؛ تۈزۈم بېكىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تارماقلارنىڭ پىكرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئىلمىي دەلىللەشكە تەشكىللەپ، بىرى پۈتسە بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يولغا قويۇشى كېرەك.

     ئىگىلىنىشىچە، ‹‹مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش تىزىملىكى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 تارماق مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بويىچە 8 چوڭ تۈردىكى 77 مېخانىزمنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈرىدىكىسى 21، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسى تۈرىدىكىسى 18، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈرىدىكىسى 10، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈرىدىكىسى 9، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش–بۇلغىما ئازايتىش تۈرىدىكىسى 8، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈرىدىكىسى 6، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن–نىزام، سىياسەت تۈرىدىكىسى 4، نىشان، ۋەزىپىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش تۈرىدىكىسى 1 ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىدىن 112نى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل شەھىرىنىڭ 18، قاراماي شەھىرىنىڭ 17، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 13، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 12، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 9، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 8، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 8، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 5، تۇرپان شەھىرىنىڭ 5، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 5، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 4، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 3، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 3، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2 ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.