مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    قاراقاشتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ يىللىق زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى

    مەۋلۇدە2017-09-13 11:40:54تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قاراقاشتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غوجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، قاراقاشتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنىڭ «باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى» تېمىسىدىكى كوللېكتىپ زىيارەت پائالىيىتى 12-سېنتەبىر باشلاندى.

     قاراقاش ناھىيەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، شائىر، رەسسام-فوتوگرافلار ۋە مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن 30 دىن ئارتۇق ئادەم زاۋا بازىرىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىكى «قوش بەش يۇلتۇزلۇق» پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرى خىزمىتى ۋە بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلە قىرائەتخانىسى، دېھقان رەسساملار ئائىلىسى؛ توخۇلا يېزىسىنىڭ ئىناق كەنتىدىكى 106 ياشلىق قىزىل ناخشا پېشۋاسى روزىنىساخان قاسىم؛ توخۇلا يېزىسىنىڭ بۇغۇچى كەنتىدىكى دېھقان ياشلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش ئەھۋالى؛ سايباغ يېزىسىدىكى بىر قىسىم كارخانىلار قاتارلىق ئورۇنلارنى ۋە شەخسلەرنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تونۇپ يەتتى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈچۈن مول ماتېرىيال توپلىدى.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت پائالىيىتى 14-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ھەم قاراقاش ناھىيەسىدىكى 21 نۇقتىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.