مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 30–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

    ئامانگۈل2017-09-12 10:45:55شىنجاڭ گېزىتى

      ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 9–كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونىمىزغا 30–تۈركۈمدىكى 95پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 65 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 30 پارچە.

     9–ئاينىڭ 10–كۈنى سائەت نۆللەرگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 65پارچە ئەرزىيەت خېتى تەرتىپ بويىچە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

     رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 65 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 25 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %38.5نى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇز پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %13.8نى ئىگىلىگەن. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ ئالتە پارچىدىن بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %9.2نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، تۇرپان شەھىرىنىڭ تۆت پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۈچ پارچە، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر پارچىدىن بولغان. بۇ تۈركۈمدە يەنە بىر پارچە ‹‹قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىدىكى گۇاڭشىن تاش چېقىش مەيدانى، تولى ناھىيەسى خۇڭيۈن قۇم مەيدانى، تولى ناھىيەسى سەنليەن تاش چېقىش مەيدانى كەڭ كۆلەمدە چېگرا ھالقىپ قېزىپ، ئەتراپتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەم زور مىقداردا چاڭ–توزان تارقالغانلىقى›› ئىنكاس قىلىنغان قاراماي شەھىرى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىشلىق مەمۇرىي رايون ھالقىپ بىرلىكتە بېجىرىدىغان ئەرزىيەت بىر پارچە خېتىمۇ بار. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، چاڭ–توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %21.6، %21.6، %15.9نى ئىگىلىگەن. بۇس، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، باشقا تۈردىكى ۋە ئېكولوگىيە تۈرىدىكى بۇلغىنىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %12.5، %12.5، %5.7، %5.7 ۋە %4.5نى ئىگىلىگەن.

     9–ئاينىڭ 9–كۈنى سائەت 22 لەرگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 30 تۈركۈمدە جەمئىي 2530 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 2010 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 498 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 22 پارچە ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.