مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ‹‹قېزىلما بايلىق قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى

    ئامانگۈل2017-09-12 10:40:10شىنجاڭ گېزىتى

     جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋېي ليۇچېڭ باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ‹‹قېزىلما بايلىق قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 9–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

     سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ۋېي ليۇچېڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قېزىلما بايلىق قانۇنى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى قوغداش–باشقۇرۇش خىزمىتىدە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر–تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىپ، ‹‹قېزىلما بايلىق قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مانەن زەينەل سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم شىنجاڭدا ‹‹قېزىلما بايلىق قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى قوغداش–باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇاڭ شيەنجۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈن چىڭ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، زېمىن بايلىقى نازارىتى، كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.