مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ‹‹شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى››نىڭ كىتابچىسى نەشر قىلىندى

    ئامانگۈل2017-09-12 10:40:09شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 11–كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى››نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكىتىمىزدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

     بۇ كىتابچىگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شيامېندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان ‹‹كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ 2–<ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق يارىتايلى››، ‹‹كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى››، ‹‹ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى››، ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز›› قاتارلىق تۆت مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.