مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئايتۇرسۇن تۇگارنىڭ كۆيۈمچان ‹‹قىزى››

    ئامانگۈل2017-09-11 17:20:26شىنجاڭ گېزىتى

      مۇختار ئابدۇقادىر

     7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سەھەردە، لياۋ چىن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى بەيخې قورۇسىغا ئالدىراش كېلىپ، ‹‹ئانىسى›› ئايتۇرسۇن تۇگار بىلەن مېڭە پارالېچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ‹‹جىيەنى›› ئېرپانجان غەيرەتنى يوقلىدى.

     بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن لياۋ چىن ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ كومسومول باشقۇرۇش رايونىغا قاراشلىق سايكوپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى، ئۇ بۇلتۇر 10 – ئايدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە بۇ كەنتتىكى 56 ياشلىق ئايتۇرسۇن تۇگار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ لياۋ چىننىڭ بىر ئۇيغۇر ‹‹ئانىسى›› بار بولدى. ئايتۇرسۇن تۇگارمۇ شۇ قېتىملىق قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىدە يەنە بىر‹‹قىزى››نىڭ كۆپىيىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

     ئايتۇرسۇن تۇگارنىڭ 4 ئوغلى، 1 قىزى بار ئىدى، ئۇنىڭ 8 ياشلىق نەۋرىسى ئېرپانجان غەيرەت كىچىكىدە مېڭە پارالېچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. لياۋ چىن ‹‹جىيەنى››نىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ‹‹جىيەنى››نىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئايتۇرسۇن تۇگارلار ئولتۇرۇۋاتقان ناھىيە بازىرىدىكى ئۆينى لياۋ چىن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىجارىگە ئېلىپ بەردى. ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇنىڭ ياردىمىدە ئېرپانجان غەيرەت ھازىر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالىنىۋاتىدۇ.

     لياۋ چىن ‹‹ئانىسى›› ئايتۇرسۇن تۇگارغا مۇنداق دېدى: جىيەنىمنى داۋالىتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە 15 مىڭ يۈەندەك غەملىدىم، ئەمدى ئېرپانجاننىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىدىن غەم يېمەيدىغان بولدۇق.

     ئايتۇرسۇن تۇگار لياۋ چىننى توختىماي ماختايتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قىزىم بىزگە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە نۇرغۇن ياردەم قىلدى، ئۇ كۈندە دېگۈدەك مېنى يوقلاپ كېلىپ، ئېغىر ئىش قىلماسلىقىمنى تاپىلايدۇ.

     ئېرپانجان غەيرەتنىڭ كېسىلىنى دەسلەپكى باسقۇچلۇق داۋالىتىشتا ئايتۇرسۇن تۇگارلار خېلى جىق پۇل خەجلىگەن بولغاچقا، كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىتىش خىراجىتى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى. لياۋ چىن بۇلارنى كۆرۈپ تىت – تىت بولدى. بۇ ئائىلىنى قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېرپانجان غەيرەتنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش خىراجىتىنى قانداق غەملەش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلاندى... قىسقىسى لياۋ چىن ئايتۇرسۇن تۇگار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

     ئايتۇرسۇن تۇگار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر نەۋرەمنىڭ كېسىلى خېلى ياخشىلاندى، بۇنىڭ ھەممىسى لياۋ چىن قىزىمنىڭ ياردىمىدىن بولدى، ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا قانداق قىلار بولغىيتتىم...

     ئېرپانجان غەيرەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىغا يەنە نۇرغۇن پۇل كېتەتتى، لياۋ چىن ئېرپانجاننىڭ ئاتىسى غەيرەت ئىلياسنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى بارلىقىنى بىلىپ، دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئاقسۇ شەھىرىدە تاكسى ھەيدەيدىغان ئىش تېپىپ بەردى، غەيرەت ئىلياس ھازىر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، مۇھىمى ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقىمۇ پۇل غەملىيەلەيدىغان بولدى.

     ئايتۇرسۇن تۇگار مۇنداق دېدى: لياۋ چىن مېنىڭ ئۆز قىزىمدەكلا بولۇپ قالدى، مەن ھاياتلا بولسام بۇ قىزىم بىلەن مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمەن.

     لياۋ چىن مۇنداق دېدى: مەن سايكوپ كەنتىدىن كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئېرپانجان غەيرەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ئائىلىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇرىمەن. مەن ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى بىلمەيمەن، بۇ تۇغقانلىرىم بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچىنى تىرىشىپ ئۆگىنىمەن. ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ دىل رىشتىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.