مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    چىلپەڭزىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق كۈيى

    ئامانگۈل2017-09-07 11:17:02شىنجاڭ گېزىتى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر

     غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسى چىلپەڭزە مەھەللىسى كۆپ مىللەتلىك مەھەللە بولۇپ، مەھەللىدىكى خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، بۇ مەھەللىنى ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنىڭ خۇش ھىدىگە پۈركىدى.

     چىلپەڭزە مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ھاشىمجان ئەيسا مۇشۇ كۈنلەردە قوشنىسى ۋېي جىرۇڭنىڭ ياردىمىدە ئوغلى جۈرئەتنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈۋالغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال يۈرەتتى. جۈرئەت بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى دادىسى ھاشىمجان ئەيسا ۋە ‹‹تاغىسى›› ۋېي جىرۇڭنى يېڭى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا چاقىردى. ھېيتلىق داستىخان مول نازۇنېمەتلەر بىلەن تولغانىدى. ۋېي جىرۇڭ، ھاشىمجان ئەيسا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوغلى جۈرئەتنىڭ ئۆيىدە ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

     پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى. سىز بىزگىلا ئەمەس، مەھەللىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگىمۇ كۆپ ياردەم قىلدىڭىز. بىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار، دېدى ھاشىمجان ئەيسا ۋېي جىرۇڭغا بىر پىيالە چاي سۇنۇپ.

     ئاكا بۇنىڭ رەھمەت دېگۈچىلىكى يوق. بىز دېگەن بىر مەھەللىلىك. بىر مەھەللە بىر ئائىلە دېگەن گەپ. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ دەيسىز، ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارساقلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز. ھەممەيلەن خاتىرجەم، خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز ئەمەسمۇ؟! دېدى ۋېي جىرۇڭ جاۋابەن.

     ۋېي جىرۇڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىن بولۇپ، 1976 – يىلى 18 يېشىدا شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە كېلىپ، چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ يەردە يا ئۇرۇق – تۇغقىنى، يا بىرەر تونۇشى بولمىغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى. بۇ چاغدا جاغىستاي يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋېي جىرۇڭنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلدى، ئۆيىدە قوندۇرۇپ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى. ۋېي جىرۇڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىن تەسىرلىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، پۇل تېپىپ باي بولۇپ، بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ ئون نەچچە يىل ئىچىدە چاپچال، توققۇزتارا، كۈنەس، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق ناھىيەلەردە ئىشلەش جەريانىدا ئاز سانلىق مىللەتتىن نۇرغۇن دوست تۇتتى. 1992 – يىلى ۋېي جىرۇڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسى چىلپەڭزە مەھەللىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەھەللىدە ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى قۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ 2 كىلومېتىردىن ئارتۇق يەردىن زاۋۇتقا توك تارتتى ھەم زاۋۇت ئەتراپىدىكى 20دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋېي جىرۇڭنىڭ بۇ ئىشىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدى. ۋېي جىرۇڭ مەھەللىدە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپلۈكى، ياشلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەھەللىدىكى 100 گە يېقىن ھەر مىللەت ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلدى. 2000 – يىلى ۋېي جىرۇڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرىدا ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، بايانداي بازىرى، چىلپەڭزە مەھەللىسىدىكى 100دىن ئارتۇق ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ۋېي جىرۇڭ ھاشىمجان ئەيسانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوغلى جۈرئەتنى 2008 – يىلى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشنى ئۆگەتتى. جۈرئەت بۇ يەردە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بىر قانچە يىلغا بارمايلا، بۇ ‹‹مەركەز››نىڭ غوللۇق ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئايلىق ئىش ھەققىمۇ 3000 يۈەندىن ئاشتى. ھازىر ۋېي جىرۇڭنىڭ يېشى 60تىن ئاشقاچقا، ئوغلى ۋېي شىمىڭ بىلەن جۈرئەتكە شىركەتنىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. جۈرئەت بىلەن ۋېي شىمىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى يۈرۈشتۈردى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا جۈرئەت توي قىلىۋېدى، ۋېي جىرۇڭ ئۇنىڭ تويىغا 10 مىڭ يۈەن بەردى. ئۇ بۇ يىل جۈرئەتنىڭ بالىلىق بولغاندىن كېيىنمۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۆز يېنىدىن 500 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ تۇلپار مەھەللىسىدىن 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ بەردى ھەم زىننەتلىشىگىمۇ ياردەملەشتى.

     ۋېي جىرۇڭنىڭ بۇ مەھەللىدە قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئاز ئەمەس، ئۇ يەنە چىلپەڭزە مەھەللىسىدىكى نىزاخمەت، نازىيەم ياشانغان ئەر – خوتۇنغا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ بەردى. 2004 – يىلىدىن باشلاپ، يېڭىيەر يېزىسىدىكى 67 ياشلىق ئابدۇكىرەمنى داۋالىتىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بايانداي بازىرىدىكى ئىبراھىمنىڭ كىراكەشلىك قىلىپ ئائىلىسىنى قامدىشى ئۈچۈن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ 6 يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپ، 19 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە چىلپەڭزە ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىگە يېتەرلىك ئورۇندۇق – ئۈستەل ياردەم قىلدى. ئۇ بۇ يىل مەھەللە ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە مەھەللىدىكى ئابدۇمىجىت غوپۇر بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئۇنىڭ ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن 4000 يۈەن ياردەم قىلدى. بۇ مەھەللىدە مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا مەھەللىدىكىلەر ماڭا ۋېي جىرۇڭنى ماختاپ: ۋېي جىرۇڭ ھەممىمىزنى ئۆز تۇغقىنىدىنمۇ چارە كۆرىدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ، دېيىشتى.

     ۋېي جىرۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا›› دېگەندەك، قېرىنداشلىق مېھرىمىز، رىشتىمىز چىڭ باغلانغان. مەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى 40يىلدىن ئاشتى. مەنمۇ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىگە كۆپ ئېرىشتىم. مېنىڭ بۈگۈنۈمنى ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.