مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    مەنىۋى دۇنيايىڭىز ساغلام بولسۇن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-09-01 14:25:37شىنجاڭ گېزىتى

    ۋارىسجان ئەھمەد

     مەنىۋى مەدەنىيەت ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى. كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ساپاسى، مەنىۋى دۇنياسى ساغلام بولمايدىكەن ماددىي جەھەتتىن ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ئومۇمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى شەخسىيەتچىلىك ئىگىلەپ كېتىدۇ. مەنىۋىيىتى تەرەققىي قىلمىغان ئادەمنىڭ ماددىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولسىمۇ ئۇ ھامان يەنىلا مەنىۋى جەھەتتىن نامرات تۇرۇۋېرىدۇ. شۇڭا ماددىي بايلىق بايلىق ئەمەس بەلكى مەنىۋى بايلىق ھەقىقىي بايلىقتۇر. كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ماددىي جەھەتتىن ئەمەس بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن يېتىلگەندىلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، ئىلىم – پەن ئۆگىنىپ پەن – تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، قالاق كۆز قاراش ۋە ناچار ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقتەك ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئىگە بولالايدۇ.

     كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتى ئوخشىمىغان ئىش – ھەرىكەت، ئوخشىمىغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئەمما مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم قانداق قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، گەپ – سۆز، ھەرىكەتتە نېمىگە ئەھمىيەت بېرىشنى بىلەلەيدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئادەمنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ئاسانلا تېڭىرقاپ قالىدۇ ھەم ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرەلمەي قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىدۇ.

     ئادەمنىڭ تۈرلۈك پائالىيىتى، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكىتى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم قانۇن – تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ياخشى بولغان ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئېجىل – ئىناق تۇرمۇشنى قەدىرلەپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، نۆۋىتىدە دەۋردىن مىننەتدار بولۇپ ۋەتەنگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى بىلىدۇ. ئەكسىنچە مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان، مەنىۋى ساپاسى تۆۋەن ئادەم دەۋردىن، ئەۋزەل سىياسەت، ياخشى پۇرسەتتىنلا ئەمەس نۆۋىتىدە ئۆزىدىنمۇ، ئائىلىسىدىنمۇ ئاغرىنىدۇ.

     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ساغلام بولسا ئۇ ھامان جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشالايدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئەۋج ئېلىش بىلەن بىللە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، ئەجىر – تۆھپىسى ئارقىلىق ۋەتەنگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈش ئىرادىسى يېتىلىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئادەم باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى، رەنجىشنىلا بىلىدۇ. جەمئىيەتكە پايدىلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلالمايدۇ.

     مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، دەۋر مېلودىيەسىگە جور بولۇش، ئەخلاق ھەم قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، ياخشى بولغان ئائىلە ئەخلاقى بىلەن پەرزەنت تەربىيەلەشنى بىلىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەمنىڭ ئىش – ھەرىكىتى يوللۇق، گەپ – سۆزلىرى ئورۇنلۇق، مۇناسىۋەت دائىرىسى ساغلام بولۇپلا قالماي مۇھىمى جەمئىيەتتە تېگىشلىك ھۆرمەت ھەم ئىززەتكە نائىل بولىدۇ.

     مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ساغلام بولمايلا قالماي دۇنيا قارىشىمۇ ساغلام بولمايدۇ. شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاسان سادىر قىلىپ قويىدۇ. شەيئىلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، خاراكتېرىمۇ ساغلام بولمايدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئادەم جەمئىيەتنىڭ شاللىشىغا، كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنداق ئادەم مەدەنىيەتسىز، ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز بولۇپلا قالماستىن قانۇن – تۈزۈم قارىشىمۇ ئاجىز بولىدۇ.

     ئادەم مەنىۋىيىتىدىكى ئەخلەت – چاۋا، مىكروبلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىغاندا روھىي دۇنياسى غۇۋالىشىپ، ئاسان تېڭىرقاش، سۈكۈت قىلىش بىلەن دەۋر روھىغا ماسلىشالمايدۇ، ئاكتىپ ئىدىيەۋى كۆز قارىشى يېتىلمەي ناچار ئىش – ھەرىكەت، ناچار قىلىقنى ئاسانلا ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ ساغلام، ئەقلىي تەپەككۇرىمۇ يۇقىرى، پىسخىكىسىمۇ ساغلام بولىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم مەنىۋىيىتىدىكى دەۋرگە ماسلىشالمايدىغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپ يۇيۇپ تۇرۇشى، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىغى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.