مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    قەلبلەرنى سۆيۈندۈرگەن يازلىق لاگېر

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:39:05شىنجاڭ گېزىتى

    مۇيەسسەر ئاباھامىت، دىلنۇر ئەخمەتجان

     پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى باغتوغراق كەنتىدىكى بالىلار يېقىندىن بۇيان پۇرسەت تاپسىلا ئادىلە غوپۇرنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ۋە پايتەخت بېيجىڭدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى سورايتتى، ئادىلەمۇ ھاياجانلىنىپ چوڭ شەھەردىكى تەرەققىياتلارنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرەتتى. ئادىلەنىڭ ھېكايىسى بالىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، كۆڭلىدىكى ئارزۇ – ئارمان ئۇچقۇنلىرىنى يېلىنجىتاتتى...

     ئادىلە غوپۇر ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى، بۇ يىل يازلىق تەتىل ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئۆتكەن، ئۇنتۇلغۇسىز تەتىل بولدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كەنتلەردىن تاللانغان 24 ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى قاتارىدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭغا بېرىپ، ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ قايتىپ كەلدى.

     بۇ قېتىمقى مېتېئورولوگىيە يازلىق لاگېرى پائالىيىتىدە، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ تۈگۈل قەشقەر شەھىرىگىمۇ بېرىپ باقمىغان 24 ئۆسمۈر تۇنجى قېتىم پويىزدا ئولتۇرۇپ، 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ قايناق بازارلىرى، شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قارىمىقىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئايروپىلانلىق بېيجىڭغا باردى. دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكىلەرمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە قوللاپ، بالىلارنىڭ بېيجىڭدىكى پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. بالىلار جۇڭگو پەن – تېخنىكا سارىيى، دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مېتېئورولوگىيە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، خان سارىيى مۇزېيى، سەددىچىن سېپىلى ۋە چاڭگا مەيدانى، سۇ كۇپى قاتارلىق پايتەختتىكى ئاساسلىق ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بېيدەيخېغا بېرىپ، بىپايان دېڭىز – ئوكياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىن شياۋنۇڭ ئالايىتەن بالىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، بالىلارنى بېيجىڭدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى يۇرتداشلىرىغا يەتكۈزۈشكە، تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

     ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا بالىلار كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا تەشكىللىنىپ، تەسىرات ماقالىسى يازدى. لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇنىرە ئابلا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلەمدىن ئايرىلىپ، ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىشىم، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيەدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. تيەنئەنمىندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلدىم، ئەڭ مۇھىمى، پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈپ، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئاكا – ھەدىلىرىمنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شەۋكەت دۆلەت مۇنداق دېدى: بىز بالىلارغا دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، قەلبىدە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى يېلىنجىتىش مەقسىتىدە مېتېئورولوگىيە يازلىق تەتىل لاگېرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق بولغاندىلا، ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ‹‹كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› دېگەن ئىدىيە تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۇلار ئىلىم – پەننى قىزغىن سۆيۈپ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، خۇراپىي ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

     قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ لىغىلدىما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەمەتئېلى مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بالىلار چوڭ شەھەرلەردىكى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۆزلىرىنىڭمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەتەن، خەلققە تۆھپە قوشالايدىغانلىقى، يۇرت – ماكانىنى گۈللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپلا يۇرتداشلىرىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى.

     بالىلار لاگېردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇرتداشلار ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنى ھەم ئەتراپىدىكى بالىلارغىمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىدىن ئىنتايىن سۆيۈندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.