مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    مېيىپ پەرزەنتلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلغان ‹‹باش بارماق قۇرۇلۇشى››

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:36:07شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلمىرە مۇھەممەت، مەرزىيە ئابدۇۋەلى

     -لى مۇدىر، سىزگە رەھمەت، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭىز، بۇ لەۋھەنى ئاددىي بولسىمۇ سىزگە ئەكەلدۇق.

     -بۇنداق ئاۋارە بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى...

     8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دا ‹‹مېھىرلىك ۋېنجۇ ساخاۋەتلىك ئىشلار جاھاننى قاپلىسۇن باش بارماق قۇرۇلۇشى›› پائالىيىتىدە پەرزەنتلىرى ياردەمگە ئېرىشكەن ئاتا – ئانىلار ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىرى 3 – بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى لىگە لەۋھە تەقدىم قىلىۋاتاتتى.

     ئۇقۇشىمىزچە، ‹‹باش بارماق قۇرۇلۇشى›› ۋېنجۇ شەھەرلىك خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى قول – پۇت تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمى شۆبە جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى ۋېنجۇ شەھەرلىك كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش توغرىسىدىكى يوليورۇقىغا بىنائەن مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونلىرىدا قول – پۇت تاشقى كېسەللىرى بويىچە داۋالاش بايلىقى كەمچىل بولۇش، قولى غەيرىي تۇغۇلغان بالىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان مەخسۇس ياردەم بېرىش فوندى ئىكەن. بۇ فوند ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى قولى غەيرىي تۇغۇلغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىدا داۋالىتالمىغان بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ۋاقتىدا ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىلىدىكەن. ‹‹باش بارماق قۇرۇلۇشى›› پائالىيىتى ۋېنجۇ شەھەرلىك خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ تەستىقلاپ تۈر تۇرغۇزۇشى، ۋېنجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا، ۋېنجۇ گېزىتچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى، ‹‹چېڭ جۇڭ››خەير – ساخاۋەت خىزمىتى ئىشخانىسى، ۋېنجۇ شەھەرلىك ‹‹تىنچلىق›› خەير – ساخاۋەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ توپلىشى بىلەن بۇلتۇر 6 – ئايدا ۋېنجۇ شەھىرىدە باشلانغان. بۇ پائالىيەت ھازىرغىچە كۇنمىڭ، زۈنيى، شىئەن ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، 81 بالا بۇ تۈر بويىچە ھەقسىز داۋالانغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋېنجۇدىن كەلگەن قول – پۇت تاشقى كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 14 بالىنىڭ قول – پۇتىنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارغا قايتىدىن ساغلاملىق ئاتا قىلغان.

     خوشۇت ناھىيەسىدىن كەلگەن 24 ياشلىق خۇيزۇ ئانا ما چۇنپېينىڭ 1 ياش 3 ئايلىق بولغان قىزى ما جىڭرۈينىڭ 2 قولى بىلەن ئوڭ پۇتى غەيرىي تۇغۇلغانىدى، مۇقىم كىرىمى بولمىغان بۇ ئائىلىگە نىسبەتەن قىزىنى داۋالىتىش تولىمۇ تەس كەلگەنىدى. ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن بارلىق تاپقان – تەرگىنى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىدىن ئالغان قەرزى بىلەن قىزىنى داۋالاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئوپېراتسىيەگە چىقىش قىلالمىغانىدى.

     ما چۇنپېي مۇنداق دېدى: لى دوختۇر ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردار بولغاچقا، بىزگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى، بۇ قېتىم قىزىم ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىندى. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، قىزىم ئىككى كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن قىزىمنىڭ نورمال بالىلارغا ئوخشاش يۈگۈرۈپ، تاقلاپ ئويناپ، نەرسىلەرنى نورمال تۇتالايدىغانلىقىنى ئويلىساملا ئىچ – ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن. بىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم كەسپىي مەكتەپنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەت ئەركىننىڭ 8 ياشلىق ئوغلى ئابدۇللا ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى جۈپلەنگەن ھالەتتە تۇغۇلۇپ، بۇ ئائىلىگە چەكسىز ئازاب ئېلىپ كەلگەنىدى. ئازغىنە مائاشقا قاراشلىق بۇ ئائىلە ئارزۇلۇق ئوغلىنى تاپقان – تەرگىنىنى يىغىپ ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى. لى دوختۇردىن بۇ قېتىمقى ‹‹باش بارماق قۇرۇلۇشى›› پائالىيىتىنى ئۇققان ئەخمەت ئەركىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ دوختۇرخانىغا كەلدى...

     ئەخمەت ئەركىن مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىگە 9000 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم كەتتى، بىز بىر پۇڭمۇ ھەق تاپشۇرمىدۇق، ئوغلۇمنىڭ قولىنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدى. ئوغلۇمنى كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلققە، ئۆزىگە مېھىرلىك قولىنى سۇنغان مېھرىبان كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرالىغۇدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

     توقسۇن ناھىيەسىدىن كەلگەن 10 ياشلىق جاڭ كەييىنىڭ ئىككى قولى بىلەن پۇتى غەيرىي تۇغۇلغان، ئاتا – ئانىسى ئۇنى نۇرغۇن جايغا ئاپىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەلتۆكۈس ساقايمىغانىدى. بۇ قېتىم ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن جاڭ كەييى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا بەزى ساۋاقداشلىرىم قول – پۇتۇمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولاتتى. دوختۇرلار قولۇم ۋە پۇتۇمنى شۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭكىگە ئوخشاش ساقايتىۋەتتى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. تىرىشىپ ئوقۇپ بۇ ئاق كۆڭۈل تاغا – ھەدىلەرگە ئەلا نەتىجەم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن.

     لى لى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدۇق. بۇ رەھمەت سۆزلىرى مۇشۇ تۈرنى يولغا قويغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە، بار كۈچى بىلەن بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلغان مۇتەخەسسىسلەرگە مەنسۇپ. بىزمۇ بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ھاياجانلىق ياشلىرىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولدۇق. بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. ئۇلارغا ساغلام، خاتىرجەم ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

     لى لى دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىرسىيەت ئانا ھامىلىدار ۋاقتىدا مەلۇم خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، خاتا دورا ئىستېمال قېلىش ۋە ئانىنىڭ تېنىدە تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن ھامىلە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن. كېسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقنى داۋالىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولۇپ، قانچە بالدۇر داۋالاتقاندا سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ شۇنچە تېز بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.