مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    مەدەنىي قاتناش ئىشتىراكچىسى بولۇش ھەممىمىزدىن باشلانسۇن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:27:29شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلمىرە مۇھەممەت، سەمەرجان ئابلىز

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹70 كۈن جاپالىق ئىشلەپ، قاتناش تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەش›› ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش تەرتىپىنى تۈزەپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئەۋزەل قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرى، سودا چەمبىرەكلىرى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يول بۆلەكلىرى، شۇنىڭدەك قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلغان يول بۆلەكلىرى مۇھىم نۇقتا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە ئوقۇلبۇسلار نۇقتىلىق تۈزەش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.

     ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە قانداق قىلمىشلار بايقالدى؟ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدۇق.

     شۇ كۈنى كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستېرېئو كۆۋرۈكىگە كەلگىنىمىزدە تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانىدى.

     -ياخشىمۇسىز؟ كىملىك، پىراۋا، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى چىقىرىڭ، تەكشۈرۈشىمىزگە ماسلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت،-دېدى قاتناش ساقچىسى ئادىل ئابلىمىت.

     ئادىل ئابلىمىت شوپۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، شوپۇرغا ئاپتوموبىلنى دىققەت بىلەن ھەيدەشنى جېكىلىدى.

     شوپۇر ئوبۇلقاسىم ھوشۇر مۇنداق دېدى: قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كېچىلەپ يوللاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە چوقۇم ئاكتىپ ماسلىشىشىمىز لازىم. مەنمۇ قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي شوپۇر بولۇشقا تىرىشىمەن.

     ئالاھازەل 5 مىنۇتتىن كېيىن قاتناش ساقچىسى ئۈچ ئوقلۇق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى توستى.

     -ياخشىمۇسىز، ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، كىنىشكىڭىزنى ئېلىپ پەسكە چۈشۈڭ. سىز شەھەر ئىچىدە ئۈچ ئوقلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەمسىز؟

     -ساقچى يولداش مەن بۇ ئىشنى تازا بىلمەيدىكەنمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي،-دېدى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى بېشىنى قاشلاپ.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر ئىچى تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم رەخىم مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدە ئۈچ ئوقلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشى 24 سائەت چەكلەنگەن. ئىككى ئوقلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 12دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 گىچە شەھەر ئىچىدە يول يۈرسە بولىدۇ. كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ئەتىگەن، كەچلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يول يۈرسە بولمايدۇ. سىرتنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىلغان كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتناش بېسىق مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا شەھەر ئەتراپىدىكى تېز سۈرئەتلىك يول ۋە ئايلانما يوللاردا يول يۈرسە بولىدۇ، ئەمما شەھەر ئىچىدە يول يۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، ھازىر تەكشۈرۈلگەن بۇ ئۈچ ئوقلۇق يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، پىراۋىسىدىن 3 نومۇر تارتىلىدۇ.

     بىز بۇ يول بۆلىكىدىن قايتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرى بولغان چوڭ كۆۋرۈك يولىغا كەلدۇق. بۇ يەردە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شىنخۇا يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئېرجان مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بىر شوپۇرنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىل، پىيادىلەر كۆپ، سودا مەركىزى، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى زىچ جايلاشقان. شۇڭا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىللار ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولىغا كىرىۋالىدىغان، پىيادىلەر بىلەن يول تالىشىدىغان، ئاپتوموبىلنى يول بويىغا خالىغانچە توختىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كىشى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، ئۇنىڭغا ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى››غا ئاساسەن 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ. قالغان جازا تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مۇھىم يول بۆلىكىنىڭ بىرى بولغان ئۈچتاش كېسىشمە يول بۆلىكىدە ئادەم، ئاپتوموبىل، يۈك ئاپتوموبىلى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىر قەدەر كۆپ. تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شەھەر ئەتراپى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى سەمەرجان ئابلىز قاتارلىق قاتناش ساقچىلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قائىدىگە خىلاپ يول يۈرگەن، ئاپتوموبىلنىڭ چىرىغىنى توغرا ئىشلەتمىگەن، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىلىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى.

     سەمەرجان ئابلىز مۇنداق دېدى: شەھەر ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ مېڭىش خەتەرلىك. چىراغ نۇرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ كۆزىنى چېقىپ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل چىرىغىنى توغرا ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر بىر قىسىم ياشلاردا ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىياپىتىنى، گاز قويۇپ بېرىش يوللىرىنى، ئاۋاز يوللىرىنى ئۆزگەرتىدىغان، بۇ خىل ئاپتوموبىللار بىلەن ئاپتوموبىل ئاز بولغان جايلاردا تېز سۈرئەتتە مۇسابىقىلىشىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپىيىپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەي، ئاھالىلەرنىڭ نورمال ئارام ئېلىشىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ناۋادا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قىياپىتىنى %50 تىن ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالى بايقالسا، بۇ ئاپتوموبىل ۋاقىتلىق تۇتۇلۇپ قېلىنىپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنى ئاپتوموبىلنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە بۇيرۇيمىز.

     سەمەرجان ئابلىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىن بۇيان، تەڭرىتاغ رايونىدا شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىر قەدەر كۆپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقاچقا، قاتناشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن شوپۇرلار يوللارنىڭ توسۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان قىلمىشلار كۆپىيىپ قالغان. قاتناش ساقچى تارماقلىرى شوپۇرلاردىن قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنغان ھالدا يول يۈرۈشنى، مەيلى شوپۇرلار بولسۇن ۋە ياكى پىيادە يول يۈرگۈچىلەر بولسۇن، بۇ 70كۈندىلا ئەمەس، ھەر ۋاقىت قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، قائىدىلىك قاتناش ئىشتىراكچىسىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

     ئۇقۇشىمىزچە، 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى كەچلىك تەكشۈرۈشتە قاتناش ساقچىلىرى زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 1 نى، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 2 نى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 2 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىشتىن 235نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.