مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    قەھۋە ھىدىگە تولغان تار كوچا، ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان رەسىم كارىدورى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:19:47شىنجاڭ گېزىتى

    قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى زامانىۋىلىق

    ئۆتكۈر نىجات

     7 – ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ھاۋاسى كۈندۈزى بەك ئىسسىق بولسىمۇ، كەچلىرى خېلى سالقىنلاپ قالىدۇ، قۇياش غەربكە پاتسىمۇ، كوناشەھەر رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

     ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت كوناشەھەر مەنزىرە رايونىدىكى قەدىمىي كوچا قەھۋەخانىسىدا بىمالال قەھۋە دەملەۋاتقان بولۇپ، قەھۋەخانا قەھۋە ھىدىگە تولغانىدى. ئامېرىكىلىق ساياھەتچى مارك خوتۇنى بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى گىلەمدە ئولتۇرۇپ، گىتار چېلىپ، يۇرتىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىۋاتاتتى. ماركنىڭ ئوغلى ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەردە پۇتبول ئويناۋاتاتتى، ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت قەھۋە دەملىگەچ، پۇتبول تېپىۋاتقان بالىغا قاراپ – قاراپ قوياتتى.

     ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىتمۇ بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەردە يالىڭاياغ پۇتبول ئوينايتتى، لېكىن ئۇ چاغدىكى تار كوچا ھازىرقىدەك كۆزنى چاقناتمايتتى. يىغىلىپ قالغان پاسكىنا سۇلار، شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن ئەخلەتلەر ئەينى چاغدىكى كوناشەھەر رايونىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى.

     2010 – يىلىدىن ئېتىبارەن قەشقەر كوناشەھەر رايونى ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئۆزگەرتىلدى، ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت ئۆيىنىڭ ئورنىغا مىللىيچە ئۇسلۇبتا ئۈچ قەۋەتلىك بىنا سالدۇردى. ئۇ 2016 – يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كوناشەھەر رايونىغا ساياھەتكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، 50 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ قەھۋە دەملەشنى ئۆگەندى. بۇ يىل 5 – ئايدا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قەھۋەخانىغا ئۆزگەرتتى ھەم ‹‹قەدىمىي كوچا›› دېگەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئائىلىگە ئايلاندۇردى. ھازىر ئۇ ئۆيىنىڭ 2 – قەۋىتىنىمۇ بېزەپ، مىللىي ئۆرپ – ئادەت كۆرگەزمىخانىسى قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا. ئابدۇمىجىت ئابدۇرېشىت ئىشىك ئالدىغا گىلەم سېلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇ بەزىدە ئۆزى دۇتار چېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ.

     قەدىمىي كوچا قەھۋەخانىسىغا 200 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى رەسىم كارىدورى كوچىسىدا، رەسسام قەيسەر ئابدۇللا ‹‹تۇپراق›› نامىدا رەسىم كۆرگەزمىخانىسى ئاچقان. ئۇنى ئىزدەپ بارغىنىمدا، ئۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ كوچا مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماي بوياق رەسىم سىزىۋاتقان ئىكەن.

     قەشقەر كوناشەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇ يەردىكى مەخسۇس كوناشەھەر رايونىنى تېما قىلىپ رەسىم سىزىدىغان 12 رەسسامغا رەسىم كارىدورى كوچىسىدا بىردىن ھەقسىز رەسىمخانا ئېچىپ بەرگەن ئىدى، رەسساملار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە كوناشەھەر رايونىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئوبرازلىق نامايان قىلماقتا. قەيسەر ئابدۇللا رەختكە ماي بوياق رەسىم سىزغاندىن باشقا، يەنە تاشقا رەسىم سىزىپ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى ئىشلەيدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى كوناشەھەر رايونىنىڭ تارىخى تەسۋىرلەنگەن تاش رەسىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىدۇ.

     -بۇ تاشلارنى ساياھەتچىلەر مەملىكىتىمىز، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ كېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قەشقەرنى تونۇتۇپ، قەشقەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن،-دېدى قەيسەر ئابدۇللا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.