مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    37 يىلدىن كېيىن دىدارلاشقان ‹‹تۇغقان››لار

    ئامانگۈل2017-08-29 12:25:24شىنجاڭ گېزىتى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىرئادىل نۇرۇللا

     يېقىندا ئەنجۈر ماكانى ئاتۇشتا ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش يۈز بەردى، يەنى بۇنىڭدىن 37 يىل ئىلگىرى مەكىت ناھىيەسىدىن يۇرتى تيەنجىن شەھىرىگە قايتىپ كەتكەن ياڭ جىخۇا 2 – يۇرتى شىنجاڭنى، شۇنداقلا ئەينى يىللىرى يېقىن ئۆتكەن كەسىپدىشى، تۇغقىنى توختى قادىر، رابىيە ساۋۇت ئەر – خوتۇننى ئالايىتەن يوقلاپ، ئاتۇش شەھىرىگە كەلگەنىدى. ئۇنداقتا 37 يىلدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن ياڭ جىخۇا كىم؟ قايسى كۈچ ئۇنى شۇنچە يىراقتىن تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىشكە ئۈندىدى.

     تيەنجىن شەھىرىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ياڭ جىخۇا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئەينى ۋاقىتتا ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقانىدى، بىراق ياڭ جىخۇانىڭ ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى.

     ـ دادا، ئاپا سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلارنى چۈشەندىم، ئەمما مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قەلبىمدە يېنىۋاتقان بىر ئارزۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش. سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلغان بولساڭلار!- دېدى ياڭ جىخۇا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

     ـ بولمايدۇ دېدىمغۇ، بولمايدۇ، بەلكىم سەن بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن، قەشقەر بىلەن تيەنجىننىڭ ئارىلىقى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى قۇرغاق، سەن ئۇ يەردە ئوقۇساڭ ھەر جەھەتتىن قىينىلىپ قالىسەن، شۇڭا ياخشىسى ئوقۇش نىشانىڭنى دەرھال ئۆزگەرت، -دېدى ياڭ جىخۇانىڭ دادىسى كەسكىن ھالدا.

     ـ دادا، سەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ پىروفېسسورىغۇ، قىزىڭنىڭ ئارزۇسىغا بىرەر قېتىم ھۆرمەت قىلىپ قويساڭ نېمە بولىدۇ؟ مەنمۇ يېقىندىن بۇيان قەشقەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، قەشقەرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ، كىشىلىرى ئىناق – ئىتتىپاق، مېھماندوست ئىكەن. ئىشەنمىسەڭ بۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باققىن، دېدى ياڭ جىخۇا قەشقەرگە ئائىت توپلىغان ماتېرىياللارنى دادىسىنىڭ ئالدىغا ئاۋايلاپ قويۇپ. دادىسى بىردە ماتېرىياللارغا، بىردە خوتۇنىغا قارىغىنىچە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار قىزىغا كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، قىزىنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى. شۇنداق قىلىپ ياڭ جىخۇا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى كۆتۈرۈپ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى. بۇ دەل 1964 – يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ياڭ جىخۇا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئارزۇسى بويىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

     مەن قەشقەرگە كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى تاللىدىم، دېدى ياڭ جىخۇا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، چۈنكى مەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسەم، ئۇيغۇرلار بىلەن بىمالال ئالاقە قىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى ئۆگىنىشىمگە پايدىسى بار ئىدى، مېنىڭ يەنە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىش ئويۇممۇ بار ئىدى.

     ياڭ جىخۇا قەشقەرگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئوقۇش جەريانىدا تىل، تۇرمۇش جەھەتتىن قىينالدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ھەش – پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. ئۇنى ئىللىق قوشۇن قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار ئىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار، كەسىپداشلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە توختى قادىر مۇئەللىم بىلەن رابىيە ساۋۇت مۇئەللىملەرمۇ بار ئىدى، بۇ ئەر – خوتۇنلار ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ، تۇرمۇش، خىزمەت جەھەتتە ئۇنىڭغا ئالاھىدە ياردەم قىلدى، شۇنداق قىلىپ ياڭ جىخۇا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تېزلا تونۇشۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشىپ كەتتى.

     توختى قادىر بىلەن رابىيە ساۋۇتنىڭ يۇرتى ئاتۇش شەھىرى بولۇپ، ئۇلار تولىمۇ مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل ئەر – خوتۇنلار ئىدى. ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغانىدى، ئۇلار قۇرداش بولغاچقا ياڭ جىخۇا بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ياڭ جىخۇا توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار بىلەن قوشنا ئولتۇردى، ياڭ جىخۇانىڭ مەكىتتە تۇغقىنى يوقلۇقىنى ئوبدان بىلىدىغان توختى قادىر بىلەن رابىيە ساۋۇت ياڭ جىخۇانى ئېرى بىلەن ھېيت – بايراملاردا يېقىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە، توي – تۆكۈنلەرگە بىللە ئېلىپ بېرىپ پەقەت زېرىكتۈرمىدى. ئادەتتىمۇ ئوبدانراق تاماق ئەتسە ئۇلارغا تاماق سۇنۇپ، قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇمىدى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ياڭ جىخۇا دائىم توختى قادىر بىلەن رابىيە ساۋۇتنى: ‹‹سىلەر مېنىڭ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تۇغقىنىم›› دەپ ماختايتتى. ئاشۇنداق يېقىن مۇناسىۋەت بۇ 2 ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى مەھكەم باغلىدى. خۇشال – خۇرام ئارامبەخش ئەتكەن كۈنلەر 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. 1980 – يىلى ياڭ جىخۇا تيەنجىن شەھىرىگە يۆتكىلىپ كەتتى، توختى قادىر قەشقەر پېداگوكىكا ئىنستىتۇتىغا، رابىيە ساۋۇت قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ باردى – كەلدىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىن توختى قادىرمۇ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ مەكتەپ مۇدىرى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ياشلىق باھارىنى يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، مائارىپ سېپىدە چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلاندى.

     2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى توختى قادىر، رابىيە ساۋۇت ئەر – خوتۇن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز 1 كۈن بولدى. ئۇلار شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئويلاپمۇ باقمىغان 1 ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى. ئۇ تيەنجىندىن ئالايىتەن ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەن 37 يىل ئىلگىرىكى كەسىپدىشى، تۇغقىنى ياڭ جىخۇا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈشى ئىنتايىن تەسىرلىك بولدى، ئۇلار ئۇزاققىچە چىڭ قۇچاقلاشتى. كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ھال ئەھۋال سوراشتى. بىردەمدىن كېيىن داستىخان تەييارلىنىپ چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرۇشتى. ياڭ جىخۇانىڭ كۆزىدىكى ياش تېخىچە قۇرۇمىغان بولۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ، يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلار ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئەسلەپ، بىردەم يىغلىشىپ، بىردەم كۈلۈشۈپ بىر ھازاغىچە پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاخىرىدا ياڭ جىخۇا:

     مەن بۇ قېتىم سىلەرنى يوقلىغاچ ساياھەت قىلغىلى كەلدىم. ھەممىمىز ياشىنىپ قاپتۇق، بەلكىم بۇ ئاخىرقى قېتىم كېلىشىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختى ئاكامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن، بىزدىن كېيىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئىزدىشىپ، تۇغقاندارچىلىقىمىزنى، دوستلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. بۇ قېتىم سىلەرنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم، ھاياجانلاندىم، ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق، دېدى.

     سىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا بىز ھەقىقەتەن ئىناق قوشنا، كۆيۈمچان تۇغقانلاردىن ئىدۇق، راھەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە ئۆتكەن شۇ كۈنلىرىمىز، سىزنىڭ شۇ سەبىيلەرنى تەربىيەلەش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقمايدۇ. سىزنىڭ 37 يىلدىن كېيىن، بىزنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، سىزگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت، دېدى توختى قادىر تەسىرلەنگەن ھالدا كۆز يېشىنى سۈرتۈپ.

     توختى قادىر بىلەن رابىيە ساۋۇت ياڭ جىخۇانىڭ ‹‹ئۇيغۇر 12 مۇقامى››غا ئالاھىدە ئىشتىياقى بارلىقىنى ھەم ئۇنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹ئۇيغۇر 12 مۇقامى››نىڭ بىر يۈرۈش پىلاستىنكىسىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. رابىيە مۇئەللىم يەنە ياڭ جىخۇانىڭ بوينىغا ئەتلەس شارپا ئارتىپ قويدى.

     سىلەرگە كۆپ رەھمەت، سىلەرنىڭ بۇ سوۋغاڭلار ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولدى، دېدى ياڭ جىخۇا ھاياجانلانغان ھالدا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.