مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئىختىساسلىقلار دېمەك كەلگۈسى دېمەكتۇر

    مەۋلۇدە2017-08-29 11:32:33شىنجاڭ گېزىتى

    شۈ شىپىڭ

     ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىللە، كارخانىلارمۇ يېڭىچە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ۋە ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسى مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىز 2008 – يىلىلا ‹‹چەت ئەلدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى››، يەنى ‹‹1000 زات پىلانى››نى يولغا قويغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ‹‹100 زات پىلانى››، ‹‹چاڭجياڭ ئىلىم ئىگىلىرىنى مۇكاپاتلاش پىلانى››، ‹‹دۆلەت داڭدار ياشلار ئىلىم – پەن فوندى›› قاتارلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان، بۇنىڭدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2016 – يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەندە: ‹‹جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئادەمدە، ئىختىساسلىقلاردا›› دەپ تەكىتلىگەن. بۇ، مەركەزنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

     مەيلى دۆلەت قۇرۇلۇشىدا بولسۇن ياكى كارخانا تەرەققىياتىدا بولسۇن، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات تىپىدىكى كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىقلار، ئېلىمىزنىڭ تېز سۈرەتتە يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانى، شۇنداقلا دۆلەت يولغا قويغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىگە مەپتۇن بولۇپ، چەت ئەللەردىكى يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى تۇرمۇش مۇھىتىدىن ۋاز كېچىپ، دۆلەتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەر بىر قىسىم كارخانىلارمۇ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، ئارقا – ئارقىدىن مەبلەغ سېلىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى ھەم ھەر قايسى ساھەلەردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

     ئىختىساسلىقلار كارخانىنىڭ بىباھا بايلىقىدۇر. سىرتتىن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتىن باشقا، كارخانىنىڭ ئۆزىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشمۇ ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا. ‹‹ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا›› دېگەندەك، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. كارخانىلار ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنى قېزىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. كارخانىلار يوشۇرۇن كۈچى بار ئىستىقباللىق خادىملارنى بايقىغان ھامان، ئۇلارنى تېخىمۇ رىقابەتچانلىققا ئىگە خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، خىزمەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلىشىغا ۋە ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى، مۇۋەپپەقىيەتتىن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، مەغلۇبىيەتتىن ساۋاقنى يەكۈنلەپ، قەيسەر ئىرادە، دادىل زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتىنى تاۋلاپ، كارخانىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلاندۇرۇشى لازىم. بۇ، كارخانا مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كوللېكتىپ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كوللېكتىپنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، يېتىشتۈرۈشتىنمۇ مۇھىمى ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىش. ئىختىساسلىقلارنى دادىل ئىشلىتىش دېگىنىمىز تالانتلىق، غايىلىك ھەم قىسمەن ئاجىزلىقى، يېتەرسىزلىكى بار ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشكە دادىل بولۇش دېگەنلىكتۇر. ھەر ئادەمنىڭ خاسلىقى بولىدۇ، ئۇلار ‹‹ئىختىساسلىق›› دەپ سانىلىش بىلەن بىللە، باشقا تەرەپلەردە ئۆزىگە تۇشلۇق كەمچىللىكى بولۇشى مۇمكىن. ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش ۋە لايىقىدا ئىش ئورنىغا قويۇش جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشتىكى ئاچقۇچ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىشتا، ئىختىساسلىقلار قانچە كۆپ بولسا، ماھارەت قانچە زور بولسا شۇنچە ياخشى. بىلىم دېمەك كۈچ دېمەكتۇر، ئىختىساسلىقلار دېمەك كەلگۈسى دېمەكتۇر.

    ئەكبەر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.