مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    دېھقانلار قەلبىدىكى ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى››

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:32:03شىنجاڭ گېزىتى

     چېن چېن

        پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىدىكى رىزۋانگۈل روزى يېقىنقى كۈنلەردە خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا ئۇچرىغانلا ئادەمگە: ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى›› ئالايىتەن بېغىمغا كېلىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، مەن بۇ يىل ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى››نىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە مېۋىلىك دەرەخلىرىمنى ياخشى پەرۋىش قىلىمەن، دېگەن گەپنى تەكرارلايدىغان بولدى.

        رىزۋانگۈل روزى تىلغا ئالغان ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى›› دەل ئورمانچىلىق ئالىي ئاگرونومى روشەنگۈل تۇردى ئىدى. روشەنگۈل تۇردى بۇ يىل 3 – ئايدا پەيزاۋات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى تېخنىكا كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ قايتا تەكلىپ قىلىشى بىلەن، دېھقانلارنى داۋاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

        رىزۋانگۈل روزى دۆڭئېرىق كەنتى ئاھالە كومىتېتىدا روشەنگۈل تۇردىنىڭ غەينۇلا پەرۋىشى ۋە ئۇلاقچىلىق تېخنىكىسى توغرىسىدىكى لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، روشەنگۈل تۇردىنى ئۆزىنىڭ مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەن 4 مو غەينۇلا بېغىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. رىزۋانگۈل روزى 2016 – يىلى 4 مو غەينۇلا بېغىدىن 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، كىرىمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى.

        پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى 2006 – يىلى 3 – ئايدا چەت ئەلدىن ‹‹فىرانسىيە››، ‹‹سىتايىل››، ‹‹ئايال ئىلاھە›› قاتارلىق يېڭى غەينۇلا سورتلىرىنى 500 مو يەردىكى ئۈلگە بازىسىدا ئۆستۈرگەنىدى. روشەنگۈل تۇردى 200 مو يەردىكى ئۈلگە بېغىنىڭ تېخنىكا يېتەكچىلىكىگە مەسئۇل بولدى.

        غەينۇلا كۆچەتلىرى 4 يىلدىن كېيىن مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى. روشەنگۈل تۇردى 2010 – يىلى 6 – ئايدا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئوغۇت سېتىۋالدى ھەم بۇ ئوغۇتلارنى ئېتىز بېشىغا توشۇدى. ئەمما ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بىرمۇ دېھقان بۇ ئوغۇت بىلەن ئۆزىنىڭ غەينۇلا بېغىنى ئوغۇتلاشنى خالىمىدى. ئامالسىز قالغان روشەنگۈل تۇردى يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىكى خادىملار بىلەن كۆچەتلەرنى ئوغۇتلىدى.

        شۇ يىلى ئۇ مەسئۇل بولغان غەينۇلا ئۈلگە بېغىنىڭ مو بېشى كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى. قولى پۇل كۆرگەن دېھقانلار خۇشاللىقىدىن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان روشەنگۈل تۇردىنى ئېسىگە ئالدى. ئەمما ھەمىشە باغمۇ – باغ كېزىپ يۈرۈيدىغان روشەنگۈل تۇردى غەينۇلا پىشقاندا ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. كىمدۇر بىرى: ‹‹تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ راھىتىنى تەڭ سۈرىدىغان چاغدا <غەينۇلا مەلىكىسى>نى تاپالمىدۇق›› دېدى، بۇ دەل دېھقانلارنىڭ يۈرەك سۆزى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ روشەنگۈل تۇردىغا ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى›› دېگەن نام سىڭىپ قالدى.

        غەينۇلا ‹‹ياۋروپا ئالۇچىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سىرتتىن كىرگۈزۈلۈپ پەيزاۋاتتا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى. غەينۇلانى دەسلەپتە ئۆستۈرۈش جەريانىدا روشەنگۈل تۇردى خىزمەتداشلىرى بىلەن باغۋەنلەرنى يېتەكلەپ توختىماي ئىزدەندى، سىناق قىلدى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. غەينۇلانىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، يېتىشتۈرگەن غەينۇلا كۆچەتلىرىنى يېڭىچە شەكىلگە كىرگۈزدى. كۆچەتلەر بۇ شەكىلدە ئۆسكەندە ھاۋا ۋە يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغاننىڭ ئۈستىگە، مېۋىلەش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولاتتى.

        پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلگەن غەينۇلالىق باغ كۆلىمى ھازىر 500 مودىن كۆپىيىپ 120 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 71 مىڭ موغا يېتىپ، پەيزاۋات ناھىيەسى ئېلىمىزدىكى ئەلا سۈپەتلىك غەينۇلا ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئايلاندى. ‹‹فىرانسىيە›› سورتىدىكى غەينۇلالار پىشقاندىن كېيىن شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە سېتىلىپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى؛ ‹‹سىتايىل›› ۋە ‹‹ئايال ئىلاھە›› سورتىدىكى غەينۇلالار پىشقاندىن كېيىن قايتا پىششىقلىنىپ، مېۋە قېقى ۋە مۇراببا ياسىلىپ بازارغا سېلىندى. بۇ ناھىيەدىكى 400 مىڭ يېزا نوپوسىنىڭ غەينۇللادىنلا كۆپەيگەن كىشى بېشى كىرىمى 200 يۈەندىن ئاشتى. روشەنگۈل تۇردى بۇ جەرياندا دېھقانلارنىڭ غەينۇلا ئۆستۈرۈشنى خالىماسلىقىدىن تارتىپ، غەينۇلا پەرۋىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگىچە بولغان جەريانغا شاھىت بولدى.

        روشەنگۈل تۇردى 2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قوشئاۋات يېزىسىنىڭ ئۆستەڭبويى كەنتى ئاھالە كومىتېتىدا دېھقانلارغا مېۋىلىك دەرەخلەردىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسى توغرىلىق لېكسىيە سۆزلىدى. ئەسلىدە يامغۇر يېغىپ كەتكەچكە، ئۇ پەقەت 5 مىنۇتلا لېكسىيە سۆزلەشنى پىلانلىغانىدى، دېھقانلار 10 مىنۇت سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، لېكىن 10 مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى، دېھقانلارنىڭ كەتكۈسى كەلمىدى، روشەنگۈل تۇردى يامغۇرلۇق كۈندە ساق يېرىم سائەت لېكسىيە سۆزلىدى، 400گە يېقىن دېھقان يامغۇرغا قارىماي لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

        غەينۇلا ئۆستۈرۈش پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن يەر ھۆددىگەرلىرى سودا پۇرسىتىنى كۆزلەپ، مەخسۇس غەينۇلا كۆچىتى يېتىشتۈردى، ئابلىمىت ئابلىز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ 2015 – يىلى 10 – ئايدا 60 مو يەرگە غەينۇلا قەلەمچىسى تىكتى. 2016 – يىلى 4 – ئايدا 50 مو يەردىكى غەينۇلا قەلەمچىسى قويۇق بىخ چىقاردى، ئەمما قالغان 10 مو يەردىكى قەلەمچە بىخلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابلىمىت ئابلىز روشەنگۈل تۇردىنى ئىزدەپ باردى، روشەنگۈل تۇردى ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى، ھەپتىدە 1 قېتىمدىن 2 قېتىمغىچە قاندۇرۇپ سۇغارسا قەلەمچىلەرنىڭ بىخلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەرۋەقە، 15 كۈندىن كېيىن قەلەمچىلەر قويۇق بىخ چىقاردى. بۇ ئىش ئابلىمىت ئابلىز قاتارلىق دېھقانلارنىڭ روشەنگۈل تۇردىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئابلىمىت ئابلىز بۇ يىل ئەتىيازلىق ئۇلاقچىلىق مەزگىلىدە روشەنگۈل تۇردىنى بالدۇرلا بېغىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇلاقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

        روشەنگۈل تۇردى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ راھەت سۈرسە بولاتتى، ئەمما ئۇ يەنىلا دېھقانلارغا تېخنىكا ئۆگىتىشنى تاللىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹غەينۇلا مەلىكىسى›› دېگەن نام دېھقانلار ماڭا بەرگەن ئەڭ كاتتا مۇكاپات، شۇڭا ئۇلار ماڭا ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۇلار ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىمەن، شۇندىلا ئاپتونوم رايون بەرگەن ‹‹مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى›› دېگەن نامغا يۈز كېلەلەيمەن.

        ئاينۇر مەمەتتۇرسۇن تەرجىمىسى

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.