مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:18:24شىنجاڭ گېزىتى

    مەمەتتۇرسۇن ھەسەن

     ‹‹تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار›› دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ‹‹داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر›› دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىر، شۇنداقلا كەڭ تۇرمۇش ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان.

     ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەممە ئادەم تۇرمۇش قاينىمى ئىچىدە ياشايدۇ. تۇرمۇش دېمەك جاپا – مۇشەققەت دېمەكتۇر. جاپا – مۇشەققەتسىز تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشقا قانچە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرسە تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە شۇنچە يېتىدۇ. ئاددىي ئادەملەرنىڭمۇ، مەشھۇر شەخسلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا تۇرمۇشى بولىدۇ. تۇرمۇشنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەي بولمايدۇ.

     ھازىر مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن ئالدىن بېيىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. يەنە بېيىش يولىدا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ سان – ساناقسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل تېپىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇل تېپىش، تۇرمۇشنى قامداش كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پەرقلىق بولماقتا. يەنە كېلىپ بۇنداق كىشىلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارمۇ بىر قەدەر كۆپ. ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەي دېسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاتا – ئانىسى مىڭبىر جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىۋەتكەچكە، يەنە پۇل دېيىشتىن خىجىل بولىدۇ. بىرەر ئورۇندا ئىشلەي دېسە جىسمانىي ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە قىلاي دېسە ئىش دېگەن كۆپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت دېگەن يەتكىچە بار. ھاياتلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت. تۇرمۇشىمىز ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا، پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا خىجىل بولۇش دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدىن ئارتۇقچە خۇدۈكسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. دۇنيادىكى بايلارمۇ تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەيلا باي بولغان ئەمەس، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەپ چىققان. بىزمۇ باي بولۇشنى خالىساقلا، جاپا چېكىشتىن قورقمىساقلا بېيىش پۇرسىتى دېگەن تولا. مېنىڭچە، ‹‹تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار›› دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرگىز تۇرمۇشتىن چىقىرىلغان ئاددىي يەكۈن ئەمەس، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

     رېئاللىققا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئالىملار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، ئاندىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان تاماق ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتى دېگەندەك ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلارغا ھېچكىم ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بەرمەيدۇ، پەقەت پۇرسەتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ. نەچچە يىل ئالدىدا ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى ئادەتتىكى ۋاقىتتا دۆلەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى، دەم ئېلىش كۈنىدە زاۋۇتلارنىڭ تۇرخۇنلىرىنى تازىلاپ بېرىپ قوشۇمچە ئىش ھەققىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى گېزىتتىن كۆرگەنىدىم. چۈنكى بۇ زۇڭتۇڭ تۇرخۇن تازىلاپ پۇل تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تۇرخۇن تازىلاپ چوڭ بولغان ئىكەن. زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ كەسىپنى تاشلىماپتۇ. بۇخىل روھنى بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشتىن خىجىل بولىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى كەمسىتمەكچى ئەمەسمەن. ئاشۇ ياشلارمۇ قەتئىي نىيەتكە كەلسىلا چوقۇم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ.

     ئىگىلىك تىكلەش ھەقىقەتەن بىر مۇشەققەتلىك جەريان، ئەمما ئىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن بارا – بارا تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ پىشىپ يېتىلىدىغان گەپ. مەيلى نېمىلا خىزمەت بولسۇن خوجايىن ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەش كېرەك. سەن خىزمىتىڭنى قانچە پۇختا، قانچە ئەستايىدىل، قانچە مۇكەممەل ئىشلىسەڭ ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان نەتىجەڭمۇ شۇنچە قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ. بىزدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەققىدە تەسىرلىك ھېكايىلەر خېلى كۆپ، ھەممىسى بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى تۈز بولغان ئەمەس، پەقەت ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمەي، ئازراق ئۈمىدلا بولىدىكەن نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي يۈرسەك بىر ئۆمۈر جاپادا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز قىلىشقا ئىرادە باغلىساقلا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە، ئەتراپىمىزدا، قىلىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پۇرسەتلەر بار. پەقەت بىز شارائىت ۋە پۇرسەتنى بايقىيالىساق ۋە ئۇنى چىڭ تۇتالىساقلا، پۇرسەت بىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.