مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    كەسپىمىز كىشىلىك ھاياتىمىزنى چەكلەپ قويمىسۇن

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:13:29شىنجاڭ گېزىتى

    يا يەن

     يېقىندا بىر قىسىم خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنماقچى بولغانلارنىڭ ئوقۇغان كەسپىنىڭ كونكرېت ئىسمى بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش شەرتى ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن رەت قىلىنغانلىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

     بۇ ئەھۋال جۇڭگو كىلاسسىك ھۆججەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان بىر دوستۇمنى ئېسىمگە سالدى. ئۇ يېڭى خىزمەت ئىزدىگەن چاغدا دائىم قىسقىچە تەرجىمىھال ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى، پىراكتىكا ئەمەلىيىتىنىڭ باشقىلاردىن ياخشى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ دائىم رەت قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي تىت – تىت بولۇپ يۈردى. كېيىن، ئۇ ئوقۇغان كەسىپ نامىنى ‹‹جۇڭگو تىل – يېزىقى›› دەپ ئۆزگەرتىپ، ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ئورۇنغا يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

     بىر كەسىپ نامى شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ ھازىر بەزى ئورۇنلار خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا، 1 –، 2 – دەرىجىلىك پەن ئايرىمىسىنى چۈشەنمەي كۈلكىگە قالىدۇ؛ ياكى ئاساسىي پەنلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشتا مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ۋە ياكى ئىدىيەسىنىڭ قاتماللىقىدىن، كەسىپنىڭ ئۇدۇل كېلىشىنى بەكلا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ... بۇ خىل ئىجتىمائىي رېئاللىق توغرىسىدا ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك.

     ئەمەلىيەتتە، ئالىي مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش نىشانى ئوخشاش، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملىرىمۇ ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنىغا ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقىي ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئاشۇ كەسىپ نامى ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە يادرولۇق ساپاسى بولۇشى كېرەك.

     ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار قايسى كەسىپنى تاللىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر خىل قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان 10 چوڭ كەسىپ، ئەڭ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش تىزىملىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ.

     شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئالىي مەكتەپتە ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر كەسىپنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ كەسىپ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت يۆنىلىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئاچقۇچ ھەرگىزمۇ ‹‹خىزمەت تېپىش ئاسان›› بولۇش ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بولۇشى كېرەك. ئاساسىي پەن دۇنيانىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش رولىغا، ئەمەلىي پەن دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش قىممىتىگە ئىگە، كەسىپنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك دەرىجىسى بولمايدۇ. ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردە كەسىپ ئالماشتۇرۇش، قوش ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش پۇرسەتلىرى بار، ئۆگىنىشنى خالىسىڭىزلا، كۆپ خىل تاللاشقا ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تاللاشتا ئۆزىڭىزنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىڭ، قانداقتۇ ‹‹ياخشى كەسىپ›› تاللايمەن دەپ بېشىڭىزنى قاتۇرماڭ، كەسىپ كىشىلىك ھاياتىڭىزنى چەكلەپ قويمىسۇن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.