مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كۆيۈمچان قىز ليۇ گۈيخۇا

    پەرغانە غوپۇر2017-08-28 17:42:42شىنجاڭ گېزىتى

    قېيۇم قادىر

        ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى كېسەك ئۆيلەردە ئۆتكۈزگەن ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى چوڭتاش كەنتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇ رايوندىكى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن غوجامنىياز بىلەن بىللە بۇ يېڭى مەھەللىنى كۆرۈپ كېلىشكە باردۇق.

        تۇرغۇن غوجامنىياز مېنى مەھەللىگە يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەن يۈسۈپ ھاشىرنىڭ ئۆيىگە باشلىدى، بىز ئىشىكتىن كىرىپلا بوسۇغىدا تۇرۇپ قالدۇق، ئۆي ئىچى قالايمىقان بولۇپ، ئەر – ئايال ئىككى خەنزۇ يولداش مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىغىنى ئورنىتىۋاتقان ئىكەن.

        -تازا ئەپسىز ۋاقىتتا كىرىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ دېيىشتۇق بىز ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

        -نەدىكىنى، ئاخشام چوڭ قىزىم شەھەردىن كەلگەنىدى، چىراغنى ئۆي بېزەيدىغانلارغا ئورناتقۇزساڭلار 300 يۈەن پۇل خەجلەيسىلەر، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزىمىز ئورنىتايلى، دەپ ئورنىتىۋاتىدۇ، دېدى يۈسۈپ ھاشىرنىڭ خوتۇنى زەينەپخان بىزنى ئۆيگە باشلىغاچ.

        -چوڭ قىزىم؟ قايسى قىزلىرىنى دەيلا؟ دەپ سورىدى تۇرغۇن غوجامنىياز ھەيرانلىق بىلەن ئەتراپقا قارىغاچ. زەينەپخان قول ئىشارىتى بىلەن چىراغ ئورنىتىۋاتقان خەنزۇ ئايالنى كۆرسىتىپ:

        -بۇ مېنىڭ چوڭ قىزىم ليۇ گۈيخۇا، يېنىدىكى ئەر ئۇنىڭ ئېرى، مېنىڭ كۈيۈئوغلۇم بولىدۇ، دېۋىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككىلىمىز ھاڭ – تاڭ قالدۇق.

        زەينەپخاننىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ليۇ گۈيخۇا بىلەن 14 يىل ئاۋۋال قىزى مەلىكەم ئارقىلىق تونۇشقان ئىكەن، مەلىكەم قومۇل تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى يېڭىلا پۈتكۈزگەن يىلى، خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا بىر دوستى ئارقىلىق ليۇ گۈيخۇا بىلەن تونۇشۇپتۇ. ئۇ چاغدا ليۇ گۈيخۇا ‹‹شىندا›› گۇرۇھىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ شىنجاڭدا بازار ئېچىپ سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە باش ۋاكالەتچىسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بازار ئېچىش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىغا پىششىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىكەن. ليۇ گۈيخۇا مەلىكەمنىڭ خەنزۇچىنى ئوبدان سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭدا بازار ئېچىشقا مەسئۇل قىپتۇ. مەلىكەم ليۇ گۈيخۇانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قومۇل تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئىش تاپالمايۋاتقان ياشلاردىن 30نى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى باشلاپ تۇرپان، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەرگە بېرىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەپ، ‹‹شىندا›› گۇرۇھىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرىنى ئوڭۇشلۇق بازارغا ساپتۇ. ئۆزئارا ھەمكارلىشىش جەريانىدا مەلىكەم بىلەن ليۇ گۈيخۇا ئاچا – سىڭىللاردەك بولۇپ قاپتۇ.

        ليۇ گۈيخۇا ماڭا ئۆز سىڭلىسىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقسام دائىم ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ، دېدى مەلىكەم ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، 2005 – يىلى ليۇ گۈيخۇا بىلەن سودا ئىشلىرىنى دەپ كورلا شەھىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق، شۇ كۈنلەردە ئاكام تۇيۇقسىز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى، مەن ئاكامنى يەرلىككە قويۇشتىن بۇرۇن ئۆيۈمگە بېرىپ بولمىسام بولمايتتى، كورلىدىن ئارا تۈرۈك ناھىيەسىگە بېرىش ئۈچۈن پويىزدىن ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ ئۈچ كۈندە بارغىلى بولاتتى، بۇنداق بولغاندا ئاكامنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيتتىم. ئەينى چاغدا مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن، ئېسىمگە كەلسەم، ليۇ گۈيخۇا مېنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلىنى تەييارلاپ قويۇپتۇ، شۇ كۈنى بىز كېچىچە يول يۈرۈپ ئەتىسى سەھەردە ئۆيگە كەلدۇق، ليۇ گۈيخۇا ئىككى كۈن تۇرۇپ، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىمىزغا قاراشقاندىن كېيىن، قايتىش ئالدىدا ئۆيدىكىلەرگە 3000 يۈەن پۇل بەردى. كېيىن ئاڭلىسام بىز نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزگەن كۈنلەردە شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلى بولمىغاچقا، خادىملارنى توشۇش ئۈچۈن سىرتتىن ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىپتۇ، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارە ھەققىنى تۆلىۋېتەي دېسەم ليۇ گۈيخۇا تەلىپىمنى رەت قىلدى.

        2007 – يىلى مەلىكەم ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىش سەۋەبى بىلەن شىركەتتە ئىشلەشتىن توختاپتۇ، ئەمما ليۇ گۈيخۇا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ، ليۇ گۈيخۇا دائىم بوش ۋاقتى چىقسىلا ئاراتۈرۈك ناھىيەسىگە بېرىپ، مەلىكەمنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرىدىكەن.

        ياندا جىم ئولتۇرۇپ پاراڭ ئاڭلاۋاتقان يۈسۈپ ئاكا سۆھبىتىمىزگە گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ھەر قانداق قېرىنداش ياكى ئاتا – بالا مۇناسىۋىتىدىنمۇ يېقىن دېسەم ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمەن. بىز ئەزەلدىن بىر – بىرىمىزگە قىلغان ئىشلارنىڭ ھېسابىنى قىلغىنىمىز يوق، 2009 – يىلى خوتۇنۇم ئاغرىپ قېلىپ قومۇل شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق، دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلىمىز، دېدى. بۇ قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قالغان كۈنلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە بېرىپ ئازراق پۇل غەملىۋالمىساق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا پۇلىمىز يېتىشمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قومۇلدىن قىزىمىز ليۇ گۈيخۇاغا دېمەيلا قايتىپ چىققانىدۇق، بىز ئۆيگە كېلىشىمىزگە قىزىمىزدىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ئالسام ‹‹سىلەر قەيەردە؟›› دەپ سورىدى. ‹‹قايتىپ چىقىۋالدۇق›› دېسەم، ئۇ خاپا بولۇپ: ئاپامنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارىڭلار يوقمۇ؟ پۇل يېتىشمىسە بىزگە دېسەڭلار بولىدىغۇ، ناۋادا ئاپامغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ دەپ قايناپلا كەتتى. بىر نېمە دەي دېسەم، ئۇنىڭغا دەپ قويماي قايتىپ چىققان گۇناھ ئۆزۈمدە، شۇڭا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئازراق پۇل غەملىۋېلىپ، قومۇلغا چىقتۇق. بىز بارغاندا قىزىمىز ئاللىقاچان ئالاقە قىلىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىكەن، بېرىشىمىزغىلا بىزنى ئۇدۇل قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە كۆرسەتتى. دوختۇر خوتۇنۇمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ ئۈچ ئايلىق دورا يېزىپ، كېسەل ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشنى، ناۋادا ياخشىلىنىش بولمىسا ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ بىزنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ، ئەتىسى يولغا سېلىپ قويدى. خوتۇنۇم دورىنى ئۈچ ئاي ئۈزۈلدۈرمەي يېگەندىن كېيىن ساقىيىپ كەتتى. دېدى يۈسۈپ ھاشىر.

        بۇ قىزىمنىڭ بىزگە قىلىپ بەرگەن ئىشلىرى ھەقىقەتەن كۆپ. 2008 – يىلى ئائىلىمىزگە تىراكتور سېتىۋېلىش بەكلا زۆرۈر بولۇپ قالدى. بازاردا بىر تونۇشۇم تىراكتورىنى 5000 يۈەنگە ساتماقچى بوپتىكەن، ئۇ چاغلاردا بالامنى ئوقۇتۇپ، نەدىمۇ قولۇمدا نەق پۇل بولسۇن، قانداق قىلساق بولار دەپ تۇرسام، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ليۇ گۈيخۇا ‹‹پۇل بولمىسا، مانا مەن قىزىڭلاردا بار›› دەپ، ماڭا 5000 يۈەن بېرىپ تىراكتورنى ئالغۇزدى، دېدى يۈسۈپ ھاشىر كۈلگىنىچە گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ، ئىشقىلىپ بىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقان 14 يىلدىن بۇيان ھېچقاچان سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشكىنىمىز يوق. بىزنىڭ قومۇلدا بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشىمىز بولسا، چوقۇم ئۇنىڭغا دەيمىز. ئۆيىمىزدىن قايسى بىرىمىز قومۇلغا بارايلى، چوقۇم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىمىز. ئۇنىڭ ئۆيىدە مەخسۇس بىزگە ئاتاپ تۇتۇپ قويغان بىر ئېغىز ئۆيى بار. ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۈرۈپ ئىشىمىزنى بېجىرىپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ھېيت – بايراملاردىن سىرت ئايدا بىر – ئىككى قېتىم بىر مۇنچە كۆكتات، مېۋە – چىۋە دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ...

        پارىڭىمىز شۇ يەرگە كەلگەندە ليۇ گۈيخۇامۇ قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرغاچ سۆز باشلىدى:

        مەن شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەلىكەم مېنىڭ ھەقىقىي قېرىندىشىمدەك ماڭا يېقىن تۇردى، ئاتا – ئانىسىمۇ ئۆز ئاتا – ئانامدەك ماڭا كۆيۈنۈپ كەلدى، ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەن شىركەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىمغا كۆكتات سودىسى قىلغان چاغلاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ، دادامدىن پۇل سورىغانىدىم، دادام ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا قانچىلىك ئىشلەتسەڭ ئىشلەتكىن، دەپ ئائىلىسىنىڭ ئامانەت كارتىسىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئىچىدە 30 مىڭ يۈەن پۇل بار ئىكەن، مەن مۇشۇ ئاتا – ئانامنىڭ ياردىمىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغانىدىم. ھازىر مەن بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇلار مېنى ئۆز بالىسىدەك كۆرىدۇ. ئۇكا – سىڭىللىرىمنىڭ توي ئىشلىرىنىمۇ ماڭا مەسلىھەت سېلىپ، پىكرىمنى ئېلىپ قىلدى، دېدى بىر خىل پەخىرلەنگەن تۇيغۇدا.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.