مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات توختاپ قالدىمۇ؟

    ئامانگۈل2017-08-27 13:33:50شىنجاڭ گېزىتى

    ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇلدى

     ليۇ يى

     2008 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپى ‹‹ئاشۇرۇش›› سۆزى بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. ‹‹رايون ئىچىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سەل ئېشىندى قالدۇرۇش››تىن ئىبارەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىقتىن ئۇدا 9 يىل ھوسۇل ئېلىندى. ۋاھالەنكى، ئۇزاق ۋاقىت ئاشۇرۇپ ھوسۇل ئېلىش ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش تەڭپۇڭلۇقىدا ئازراق ئېغىش شەكىللەندۈردى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى بەلگىلەيدۇ، بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە كۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يۆنىلىشىدە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇغداي ھوسۇلىنىڭ ئۇدا ئاشۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا تېرىلغان بۇغداينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلاتى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى مۆلچەرى تۆۋەنلىگەن. ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئۇدا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توختىتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟بۇغداي مەھسۇلات مىقدارى يېتەكچىلىكى

     ئاشلىق ھوسۇلىنى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

     شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىن يىراق، شۇڭا ئاشلىقنى رايون ھالقىپ يۆتكەپ كېلىشنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالدى بىلەن ئۆز يېرىنىڭ ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ھەم ‹‹رايون ئىچىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سەل ئېشىندى قالدۇرۇش››نىڭ مەنبەسى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ‹‹رايون ئىچىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سەل ئېشىندى قالدۇرۇش››نى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىپ كىرىم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

     ۋاھالەنكى، سىياسەت بىلەن بازارنىڭ ماسلىشالماسلىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى سىجىل، مۇقىم ئاشتى، خاس باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەر تېز باش كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەر يىلى بىر بالداق ئۆرلىدى. ئەنئەنىۋى ئاشلىق زىرائىتى بولغان بۇغداينىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىش بوشلۇقى چوڭ ئەمەس، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مو يەردىن 500 كىلوگىرام بۇغداي يىغىۋېلىش بويىچە ھېسابلىغاندا، دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىپ، ھەر مودىن قىلىدىغان كىرىمى 1200 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇنى بەزى جايلاردىكى يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتكە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش زىددىيىتى شەكىللىنىدۇ.

     كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ بۇغداينى كەڭرى سېتىۋېلىش ئۆلچىمىدە بۇغداينىڭ دەرىجىسى بويىچە باھا بېكىتىلدى، بۇغداينىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىدىغان بىر قانچە كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، ھەجىملىك ئېغىرلىق ئاچقۇچلۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھەجىملىك ئېغىرلىق بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى بۇغداينىڭ ئېغىرلىقى بولۇپ، بۇغداي قانچە دانلىق بولسا، تارازىغا ئېغىر ئولتۇرسا، شۇنچە يۇقىرى باھاغا سېتىلىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

     كەڭرى سېتىۋېلىشنىڭ باھا بېكىتىش سىياسىتى ۋە بۇغداينىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش ئەمەلىيىتى مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇغداي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى خاس ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن بازاردا سېتىلىشقا ماس كېلىدىغان ئاشلىق تۈرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا سەل قارالدى. بۇ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مەھسۇلات مىقدارى يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە باشلاپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

    ئاشلىق ئامبىرىنىڭ توشۇپ كېتىشىنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، قىيىنچىلىق تەرىپىمۇ بار

    ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئامبىرى توشۇپ كەتتى.

    جۇڭگو ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇش باش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاشلىقتىن ئۇدا 9 يىل ھوسۇل ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك بولغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

    ئەمما، ئاشلىق زاپىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى سېتىۋېلىش – ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئامبار سىغىمى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى، بازار تەمىناتىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش زىددىيىتى يەنىمۇ روشەنلەشتى.

    جۇڭگو ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇش باش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى سېتىۋېلىش – سېتىش پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جيەن مۇنداق دېدى: 2009 – يىلىدىن باشلاپ دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداينى دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش – ساقلاش سىياسىتى بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، يەرلىك كارخانىلارنىڭ ساقلاش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلدى، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى ئېشىنچا ئاشلىقنىڭ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىندى، خاس ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى قوغدالدى.

     قىسقىسى، ئاشلىق ئامبىرى توشۇپ كېتىش ئەھۋالى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشلىقنىڭ بولۇپمۇ بۇغداينىڭ تەمىنات – ئېھتىياجىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى، ئەگەر دۆلەت سىياسىتىنىڭ كاپالىتى بولمىسا، بۇغداي كەسپى ‹‹مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرالمايدىغان›› تەتۈر تاناسىپلىق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

     تەمىنات – ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئىسلاھات مۇقەررەرلىككە ئايلاندى

     ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇلۇشنىڭ ئارقىسىغا، ئاشلىقنىڭ بولۇپمۇ بۇغداينىڭ تەمىنات – ئېھتىياجىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالەتتە ئىكەنلىكى يوشۇرۇنغان. بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ كەڭرى سېتىۋېلىپ، كەڭرى تولۇقلىما بېرىپ، بازارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى تېزلىكتە ئاشتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇغداينىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ بازارنى يۆلەش سىياسىتىگە بولغان تايىنىشچانلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. سېلىشتۇرما ئۈنۈم قانچە تۆۋەن بولغانسېرى، ئاشلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى شۇنچە ئاشتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشلىق ئامبىرى بېسىمى ئېغىرلاشتى.

     ۋاھالەنكى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ ‹‹خالتا كوچا››غا كىرىپ قېلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات – ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك.

     بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى شىدى بازىرى چوزا كەنتىدىكى ليۇ جيەنشىن بۇغدايلىقىغا يېڭى بۇغداي سورتى كۈچلۈك تالالىق بۇغداي تېرىدى. كۈچلۈك تالالىق بۇغداي قارىماققا ئادەتتىكى بۇغدايدىن روشەن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بۇغدايدىن تارتىلغان ئۇننىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بولكا پىشۇرۇشقا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    ‹‹ئىلگىرى مەھسۇلاتقا قارايتتۇق، ھازىر زاكازغا قارايمىز، بۇ يىل يەرلىكتىكى ئۇن تارتىش كارخانىلىرى بىلەن كۈچلۈك تالالىق بۇغداي سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدىم، كارخانا مېنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەن تېرىشقا مەسئۇل، بۇغداي سېتىشتىن غەم قىلمايمەن››، دېدى ليۇ جيەنشىن.

     ھازىر چوزا كەنتىنىڭ كۈچلۈك تالالىق بۇغداي تېرىش كۆلىمى 1000 موغا يەتتى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن رۇڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۇچۇڭ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، ھازىر ئاساسلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تالالىق بۇغداي تېرىلىدۇ، ئۇن تارتىش كارخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تالالىق بۇغدايغا بولغان ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، گۇچۇڭ ناھىيەسى كەلگۈسىدە، ئوخشىمىغان بازار ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، زاكاز بويىچە بۇغداي تېرىش، مەخسۇس پىششىقلاش، نىشانلىق تەمىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ مودىن كۆپ كۈچلۈك تالالىق بۇغداي سورتىنى كېڭەيتىپ، بۇغداينىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

     ھەر قايسى ھالقىلار تەڭ كۈچىسە، تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇسى يوقىتىلىدۇ

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي كەسپىدە تەمىنات – ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلاشقان قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدا، چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەر، چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپرەك بولۇپ، ھەر قايسى ھالقىلار تەڭ كۈچەپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇسىنى يوقاتقاندىلا، بۇغداينىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن قول سېلىپ، سېتىشقا ماس كېلىدىغان ئورگانىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زاكازلىق تېرىقچىلىق يولىدا مېڭىپ، بۇغداينىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈچلۈك تالالىق بۇغداي ۋە ئاجىز تالالىق بۇغداينى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

     بۇ يىل جۇڭگو ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇش باش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى دەرىجە ۋە ئامبارغا ئايرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇغداينى پىششىقلاش قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈردى. لى جيەن: كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆز يېرىنىڭ بۇغداي سۈپىتى دەرىجىسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، سېتىۋېلىش – ساقلاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، دەرىجە نىسبىتى، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بۇغداينى ئالدىن ئامبارغا كىرگۈزۈپ، دەرىجە نىسبىتى تۆۋەن، مەھسۇلات مىقدارى ئاز بۇغداينى ئاۋۋال ئورۇشى كېرەك، ئامبارغا ئايرىيالمىغانلارنى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئايرىپ، رايونغا بۆلۈپ ساقلاش كېرەك، دېدى.

     پىششىقلاش ھالقىسىدىكى كارخانىلارمۇ تىرىشىپ ئىسلاھات قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ‹‹خۇامەي›› يېڭى ئاشلىق ئۇنى چەكلىك شىركىتى گۇچۇڭنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۇن تارتىش كەسپىنى زورايتتى. كارخانا بىر يۈرۈش ئىلغار تېخنىكىلىق ئۇن تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، تارتىلغان ئۇننىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، تۈرگە ئايرىلغان، ئىنچىكە تارتىلغان ئۇننىڭ ئۈنۈمىنىڭ %10 ئاشۇرۇلۇشى مۆلچەرلەندى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئۇدا 9 يىل ئاشۇرۇلۇپ، بۇ يىل توختاپ قېلىشى يامان خەۋەر ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇ ئىسلاھات ۋە تىپ ئۆزگەرتىش ئۇچۇرىدىن دېرەك بېرىدۇ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئاشلىق ئىسلاھات يولى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.