مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا توردا دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىلىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىلدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-19 13:35:19شىنجاڭ گېزىتى

     ئاينۇر ئابلىمىت، ئىززەتگۈل مۇھەممەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، توردا دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان دېلولارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، خەلقنىڭ قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارغا بولغان يېڭىچە ئېھتىياجى، يېڭىچە تەلىپى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئېچىلغان بۇ مۇلازىمەت سىستېمىسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشىدىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى يول ھېسابلىنىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇچۇر تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چيۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىنتېرنېت + مۇلازىمەت›› بىر گەۋدىلەشكەن بۇ سىستېمىدا ماتېرىياللار ئاۋۋال توردا دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسىگە، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئادۋوكاتقا ئەۋەتىلىپ، توردىكى مۇلازىمەت ئەمەلىي مۇلازىمەتكە ئايلىنىدۇ. دەۋاگەر بۇ سىستېما ئارقىلىق دېلو تۇرغۇزۇپ ئەرز – شىكايەت قىلىش، سۈرۈشتە قىلىش، ماتېرىيال ئەۋەتىش قاتارلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا بېجىرەلەيدىغان بولغاچقا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش، ئەرز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، ئادۋوكات بىلەن ئۇچرىشىش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ. ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزىدىغان، دەۋالاشقۇچىلار بىلەن ئادۋوكاتلارنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ سىستېمىنىڭ ئەرز مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.